UyghurMain Dictionary
تۇت
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
شاتۇتى، ئۈجمە دەرىخى ۋەئۇنىڭ مېۋىسى.
مېۋىسىز دەرەختىن تۇت ياخشى، ھورۇن ئادەمدىن پۇت ياخشى ( ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
تۇتماق، تۇتۇش. 1. قامىماق، قولىغا ئالماق.
تۇتقۇچنى تۇتماق.* توپىنى تۇتماق.* خاننىڭ قىزى چۆمۈچ تۇتسا، قۇلى قاپىرار ( ماقال ).* ئوغرىنى ئوغرى تۇتار ( ماقال ).
2. قوزغالماق. تۇتقىقى تۇتماق.* تەلۋىلىكى تۇتماق.* بەزگىكى تۇتماق.* خۇمار تۇتماق.
3. ئوۋلاپ قولغا چۈشۈرمەك. بېلىق تۇتماق.* كەپتەر تۇتماق.
كەمبەغەلنىڭ مۈشۈكى چاشقان تۇتسا،
باينىڭ مۈشۈكى توشقان تۇتار.
* * *
تەجرىبىلىك ئىت يەيدۇ يولۋاسنى تۇتۇپ،
جەڭ كۆرمىگەن شىر قاچار تۈلكىدىن قورقۇپ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ياردەمچى پېئىل.
تۈس باغلامچىسى. بەزى ئىسىملارنى پېئىللاشتۇرىدۇ.
روزا تۇتماق.* دوست تۇتماق.* سۇ تۇتماق.* ئۆي تۇتماق.* ماتەم تۇتماق.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئۈجمە، ئۈجمە دەرىخى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يوپۇرمىقى پىلە قۇرتىغا ئاساسىي ئوزۇق قىلىنىدىغان، مېۋىسى ئاق، قىزىل، قارا بولىدىغان دەرەخ ۋە ئۇنىڭ مېۋىسى.
<جۈجەم> قۇمۇل - تۇرپان شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
ئۆگەنگەن كۆڭۈل ئۈجمە پىشقۇچە. ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش. ۋاپباغنىڭ ئۈجمىسى ئەمەس. تۇت شىرنىسى قان بېسىمىغا داۋا.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
<تۇد> غا قاراڭ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
يېزت. ئۈجمە.