UyghurMain Dictionary
تۇشلۇق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
باراۋەر كېلىدىغان، مۇناسىپ.
ئىسىت، مۇشۇ تارتقان جاپالىرىمغا تۇشلۇق، ئۆيگە كېلىپ قورساق تويغۇدەك تاماقلىنىۋالغان بولسامچۇ، كاشكى.
لايىق، مۇۋاپىق، يارىشا.
ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق قىيىنچىلىقى بار، بىز بۇ تەرەپنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەك.
سىغىدىغان، پاتىدىغان.
ئىككى كارىۋاتقا تۇشلۇق ئۆي. پۇتۇمغا تۇشلۇق ئاياغ.
يېتىدىغان.
شۇ چاغدا بىر توغرام نانغا تۇشلۇقمۇ پۇلۇم يوق، ئاچ قالدىم.