Uyghur←ChineseMain Dictionary
تۇرىئى
دۇنيا تارىخى
图里伊
tú lǐ yī
ئىتالىيىدىكى قەدىمكى شەھەر. لوكانىيە دېڭىز بويى، كراتىس دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىغا جايلاشقان، شىمالىي تارېنت قولتۇقىغا يېقىن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مىلادىدىن 444 يىل ئىلگىرى قەدىمكى يۇناندىكى ئافىنالىقلار قۇرغان كولۇنىيە شەھىرى. شەھەر قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن، شىمالدىكى قوشنىسى سىبارىس بىلەن يەنە بىر يۇان شەھىرى كروتون (ئىتالىيىنىڭ جەنۇبى) جەڭ قىلغان، شىبارىس مەغلۇپ بولۇپ ۋەيران قىلىۋېتىلگەن؛ بەختكە يارىشا ئامان قالغان بىر قىسىم سىبارىسلار يۇنان شەھەر دۆلەتلىرى (بولۇپمۇ ئافىنا) نىڭ ياردىمىگە ئىگە بولۇپ، يېڭى شەھەر تورىئىنى قۇرغان. يېڭى شەھەر تېز تەرەققىي قىلىپ جەنۇبىي ئىتالىيە (<چوڭ يۇنان> رايونى) دىكى مۇھىم شەھەرگە ئايلانغان؛ تارىخشۇناس ھېرودوت، ناتىق لىيىسئاسلار بۇ جايدا ياشىغان. سامنىئى ئۇرۇشى (مىلادىدىن ئىلگخرىكى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئاخىرى) دا، گاننىبالغا قارشى تۇرغان. گاننىبال ئىتالىيىدىن چېكىنگەن تۇرىئى شەھىرىنى (مىلادىدىن 204 يىل ئىلگىرى) ۋەيران قىلىۋەتكەن، ئۇنىڭ ئائىلىسى كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن رىملىقلار بۇ جايدا لاتىن كولۇنىيە رايونى قۇرۇپ، ئۇنىڭ نامىنى كوپىيە ئۆزگەرتكەن، لېكىن تۇرىئى دېگەن نام يەنىلا قوللىنىلغان.