UyghurMain Dictionary
تۇرىنىگىن تاياقچە باكتېرىيىسى
بىئولوگىيە
بىر خىل گرام مۇسپىي خۇسۇسىيەتلىك، بىخ سپورا ۋە سپورىغا ئەگەشكەن كرىستال ھاسىل قىلدىغان تاياقچە باكتېرىيە. باكتېرىيە تېنى 1.0 ~ 1.2 × 3 ~ 5 مىكرو مېتر كېلىدۇ، ئىككى ئۇچى يۇمىلاق بولىدۇ، كۆپىنچىسىدە ئەتراپىدا ئۆسكەن ياكى بىر ياندا ئۆسكەن قىل ئاياغلىرى بولىدۇ، يالغۇز ياكى زەنجىرسىمان تىزىلىدۇ. بىخ سپورىسى ئېللىپىس شەكىللىك بولىدۇ، 0.8 ~ 0.9 × 1.5 ~ 2 مىكرو مېتر كېلىدۇ. ھۈجەيرىنىڭ بىر ئۇچىغا جايلىشىدۇ، بىخ سپورا خالتىسىنىڭ يەنە بىر ئۇچىدا بىر دانە (ياكى ئىككى دانە) نىسبەتەن ئاسان رەڭلىنىدىغان مۇكىسىمان ياكى كۋادرات شەكىللىك ئاقسىل كرىستالى بولىدۇ، بۇ سپورىغا خالتىسى يېرىلغاندىن كېيىن ئەركىن ھالەتتىكى سپورا ۋە سپورىغا ئەگەشكەن كرىستال قويۇپ بېرىلىدۇ. ئوكسىگېن خالايدۇ ياكى ئارىلاپ ئوكسىگېن خالىمايدۇ، بىراق ئوكسىگېنسىز شارائىتتا ئۆسۈشى ئىنتايىن ناچار بولىدۇ. ئادەتتىكى ئۆستۈرگۈچ ئۈستىدە ھاسىل قىلغان باكتېرىيە توپى بىر ئاز چوڭ، اسسىمىترىك كۈل رەڭ بولىدۇ. ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان ھاشاراتلارنىڭ لىچىنكىسى، بولۇپمۇ تەڭگىچە قاناتلىقلار ئەترىتىدىكى ھاشاراتلارغا نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان كېسەل يۇقتۇرۇش خۇسۇسىيىتى بولىدۇ. ئۇ نۆۋەتتە كەڭ قوللىنىلىۋاتقان باكتېرىيىلىك ھاشارات ئۆلتۈرگۈچى دورا. ئۇنىڭ شال قاسىراق قۇرتى، كۆممىقۇناق كېپىنىكى، كاللەكبەسەي كېپىنىكى ۋە قارىغاي قۇرتى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ۋە ئورمانچىلىققا زىيانلىق ياخشى، پىلە قۇرتى ۋە ئابدىمىلىك پىلىسىدىمو كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئادەم ۋە چارۋا ماللارغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ. ھاشاراتلار سپورىغا ئەگەشكەن كرىستال ۋە بىخ سپورىنى يېگەندىن كېيىن، سپورىغا ئەگەشكەن كرىستال ھاشاراتنىڭ ئۈچەي يولىغا كىرستال توكسىننى قويۇپ بېرىپ ھاشاراتنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىخ سپورا ھاشارات ئىچىدە زور مىقداردا كۆپىيىپ سېپىتىتسېمىيىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە ھاشاراتنى 1 - 4 كۈن ئىچىدە ئۆلتۈرىدۇ. سورىنىگېن تاياقچە باكتېرىيىسى 1909 - يىلى گېرمانىيىنىڭ تۇرىنگىن (Thuringen) دېگەن يېرىدىكى كېسەل تەگكەن بىر خىل ئوتتۇرا دېڭىز چىپار قۇرتىدىن ئايرىۋېلىنغان، كېيىن نۇرغۇنلىغان ئوخشاش سورتتىكى باكتېرىيىلەر كەينى - كەينىدىن ئايرىۋېلىندى. ئۇلار ئانتىگېنلىقى ھەمدە فىزىئولوگىيىلىك ۋە بىئوخىمىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن ئوخشىمايدىغان بىر قانچە كەنجى تۈر (ئۆزگەرگەن تۈر) گە ئايرىلىدۇ. نۆۋەتتە دۆلىتىمىز ئىشلەپچىقىرىۋاتقان سۇرىنگېن تاياقچە باكتېرىيىسى، قۇرت ئۆلتۈرگۈچى تاياقچە باكتېرىيە، <6721> قاتارلىقلار سۇرىنگېن تاياقچە باكتېرىيىسىنىڭ بىر كەنجى تۈرى ياكى سورتىغا كىرىدۇ.