UyghurMain Dictionary
تۇرما
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
تۇرۇپ، لوبو.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۇرما، تۇرۇپ.
سارىغ تۇرما _ سەۋزە. ئارغۇلار سەۋزىنى « گىزرى» دەيدۇ، ئۇلار بۇ سۆزنى پارسچىدە سەۋزە مەنىسىدە ئىشلىتىلىدىغان « گەزەر» دېگەن سۆزدىن ئالغان ۋە بۇنىڭدا «ك» ھەرپى بىر ئاز يۇمشىتىلغان. ئوغۇزلار پارسلار بىلەن ئارىلىشىپ تۇرغاچقا، بىر مۇنچە تۈركچە سۆزلەرنى ئۇنتۇپ، ئورنىغا پارسچە سۆزلەرنى سۆزلەرنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ قالغان. مەسىلەن: تۈركچە « قۇمغان» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا ئۇلار پارسچىدىكى «» سۆزىنى « ئافتابى» شەكلىدە ئىشلىتىلىدۇ؛ تۈركچە « باقان _ بويۇن ھالقا» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا ئەرەپچىدىكى «» سۆزىنى «» شەكلىدە قوللىنىلىدۇ.
ئوغۇزلارنىڭ تىلى سىلىق تىل. باشقا تۈرك خەقلىرى تىلىدا بىرى تۈپ، ئىككىنچىسى ئەگەشمە مەنىدە جۈپ سۆز بولۇپ كېلىدىغان ئىسىم ۋە پېئىللارنى ئوغۇزلار جۈپ سۆز شەكلىدە ئەمەس، تاق سۆز قىلىپ قوللىنىدۇ، يەنى ئەگەشمە سۆزنىلا ئىشلىتىدۇ. ھالبۇكى، باشقا تۈرك خەلقلىرى مۇنداق سۆزلەرنى تاق ھالدا ئىشلەتمەيدۇ. مەسىلەن: بىر نەرسە يەنە بىر نەرسىگە ئارىلىشىپ كەتسە، تۈركلەر « قاتتى قاردى» دەيدۇ. بۇ يەردە « قاتتى» سۆزى تۈپ بولۇپ، « قاردى» ئەگەشمە سۆزدۇر. بىر نەرسە يەنە بىر نەرسىگە ئارىلىشىپ كەتسە، ئوغۇزلار پەقەت « قاردى» دەيدۇ _ دە، تۈپ سۆز بولغان « قاتتى» سۆزىنى تاشلايدۇ. شۇنىڭدەك، تۈركلەر «ياخشى - يامان» دېگەننى « ئەزگۈ ياۋلاق» دەپ جۈپ سۆز شەكلىدە قوللىنىدۇ، « ياۋلاق» سۆزىنى يالغۇز قوللىنىدۇ.
1 - 562