UyghurMain Dictionary
تۇرا
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
تۇرلاردا قەدىمكى بىر قەبىلە.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
( كونىرىغان سۆز ). قورغان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مۇھىم جايلارغا سېلىپ مۇداپىئەلىنىشكە ئىشلىتىلىدىغان جاي، قۇرۇلۇش.
«قورغان»، «قەلئە» لەر شەھەر شەكىلىدە، «سەد»، « سېپىل» لار ئېگىز قۇرۇق تام شەكلىدە، «پوتەي»، «تۇرار» لار توپ ئېيتىشقا لايىق ياسالغان بولىدۇ.
قورغان ئىچىدىن غۇلار. كونا قەلئەدە جىن بار. ھەقىقەت ئاتمىش ئىستىھكامنى بۇزار. سەددىچىن سېپىلى - ئۈچ مۆجىزىنىڭ بىرى. ئەقىل ھەمراھى ھەم جان يارى ئىلىم، ئىككى ئالەمدە جان ھىسارى ئىلىم. گومىنداڭ ماڭدامدا بىر پوتەي سالغانىدى. قۇمۇلدا قەدىمىي تۇرارلار كۆپ.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
قورغان، پوتەي، ئىستىھكام، مۇنار. مەسىلەن:
تۇرا باشىغا چىقىپ، تۇرۇپ ئېيتاي،
ناخشىنى تىڭشىغىلى كىشى يوق،
كىمگە ئېيتاي ناخشىنى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۇرا قالقان _ دۈشمەندىن ئۆزىنى دالدىغا ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ھەرخىل ۋاستىلەر.
3 - 305
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قورغان، قەلئە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
مىلادىيە Ⅴ ئەسىردىن ئىلگىرىكى قەدىمكى مىللەت، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەلىرىدىن بىرى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
مەلۇم ئېگىزلىكتىكى، ئەتراپى قورشىلىپ مۇداپىئە قىلىنغان ۋە تۇرۇش، ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن تەييارلانغان.
ئېگىز بوي، قامەت.
ئۇزۇن تۇرا.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
قورغان، قەلئە
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
قەدىمكى ئۇيغۇرلار قەبلىلىلىرىدىن بىرى بولۇپ، تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىزدىنىشلىرىدىن قارىغاندا، موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى بىر دەريا ۋادىسىدا قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىن بىرى بولغان تۇرا قەبىلىسى پائالىيەت ئېلىپ بارغان. بۇ دەريا <تۇغلا> دەرياسى دەپ ئاتالسىم
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
تۇراجان
① ئالدىنقى سەپ، ② بەلگە مۇنارى، قاراۋۇلخانا، ③ تۈرك