UyghurMain Dictionary
تۇنجۇقماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ھاۋانىڭ يېتىشمەسلىكى ياكى توسۇلۇپ قېلىشىدىن نەپەس ئالالماي قىينالماق، بۇغۇلماق.
كىچىكىمدە كۆلدە تۇنجۇقۇپ ئۆلگىلى ئاز قالغاندا، ھەسەن ئاكام قۇتقۇزۇۋاپتىكەن.
يوقالماق، ئۆلمەك.
<گۈپ> قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ بايىدىن بېرى يىغلاپ تۇرغان بالا بىردىنلا تۇنجۇقتى.
كۆچمە. ئەركىن سۆزلىيەلمەي، ھەرىكەت قىلالماي بېسىلىپ كەتمەك.
شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بىزنىڭ ئادەتتىكى يۈرۈش - تۇرۇش ئەركىنلىكىمىز دىمىق ئىچىدە تۇنجۇققاندەك سېزىلەتتى.