Chinese→UyghurMain Dictionary
屯仓
دۇنيا تارىخى
قورۇق
ياپونىيە كائىكا ئىسلاھاتىدىن ئىلگىرىكى يەر مۈلۈكچىلىكىنىڭ ئاساسىي شەكلى. ئەسلىدە شال يىغىدىغان ھۆكۈمەت ئامبىرى دېگەن مەنىدە بولۇپ، كېيىن خان ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىگە قاراشلىق تېرىلغۇ يەر، قارام دېھقانلار ۋە سۇغىرىش ئىنشائاتلىرىنى بىلدۈرىدىغان ئاتالغۇغا ئايلانغان. مىلادى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن Ⅴ ئەسىرگىچە تېرىقچىلىق تەشكىلاتى ۋە سىرتتىن كەلگەن تېخنىك خادىملارنى ئىشلىتىپ خېنىي تۈزلەڭلىكىدە (ھازىرقى ئوساكا ۋىلايىتى) بوز يەر ئاچقان. ئۇلارنىڭ ئەمەلدارلىرى تېرىقچىلىق تەشكىلاتى گورۇھىنىڭ باشلىقلىرىدىن تەيىنلەنگەن. پايتەخت ئەتراپىدىن باشقا جايلاردىمۇ قورۇقلار تەسىس قىلىنغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يەنە ھەربىي بازا خاراكتىرىنىمۇ ئالغان. خان ئوردىسى يەنە ئاقسۆڭەكلەر ۋە يەرلىك بايلارنىڭ ئېتىزلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، قورۇق قىلىپ كېڭەيتكەن. Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە، يەرلىك بەگلەر ياكى تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى قورۇق باشلىقى قىلىپ ئەۋەتكەن. 569 - يىلى قورۇق باشلىقلىرىنى كېبېي بەيجۇ قورۇقىغا ئەۋەتىپ، قورۇقلارنىڭ تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقىپ، قورۇقلار خان ئوردىسىنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈلگەن، تائىكا ئىسلاھاتىدىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.