UyghurMain Dictionary
تۇمۇچۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قۇشلارنىڭ بىر ئائىلىسى، جۇغى كىچىك، قاناتلىرى ئۇزۇن، تۇمشۇقى سوزۇنچاق بولىدۇ، ئۆسۈملۈك ئۇرۇقى، قۇرت - قوڭغۇز يەيدۇ.
«تۇمۇچۇق» چىرايلىق سايرايدۇ.
قۇشقاچتىن قورققان تېرىق تېرىماس. ئاسماندىكى تۇرنىدىن قولۇڭدىكى قۇشقاچ ياخشى. قوزا بىلەن تەڭ ئۇخلا، تورغاي بىلەن تەڭ تۇر. تۇمۇچۇقۇم سايرايدۇ، يارىم كەلگەن ئوخشايدۇ. تۇمۇچۇق يات يۇرتتا سايرىمايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
بىر خىل قۇش. تېنى قۇشقاچ چوڭلۇقىدا بولىدۇ، تۇمشۇقى قىسقا، ئۇچى قىزىل، تۈكلىرى سىلىق ۋە ئاچ قوڭۇر كېلىدۇ؛ جەنۇبىي شىنجاڭغا كەڭ تارالغان بولۇپ، ئىنتايىن چىرايلىق سايرايدۇ. بەزى كىشىلەر ئۇنى قەپەستە باقىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
خۇس ئاۋاز سايرايدىغان قۇش؛ تۇمۇچۇق.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
خۇش ئاۋازدا سايرايدىغان قۇش؛ تۇمۇچۇقتەك خۇشئاۋاز قىز.