Chinese→UyghurMain Dictionary
推罗
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
tuī luó
تىرۇسDتارىخ
tuī luó
تىيلې
دۇنيا تارىخى
تۇرې
فىنىك تىلدا <سۈر> دېيىلىدۇ، <يار> دېگەن مەنىدە. قەدىمكى فىنىكىيىدىكى مۇھىم شەھەر، ھازىرقى لىۋاندىكى سۇر. مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرى، سەمىت كەنئانلىرىنىڭ تۇرۇشلۇق جايلىرى مەيدانغا كەلگەن. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قۇللۇق تۈزۈمدىكى شەھەر بەگلىكى شەكىللەنگەن. بۇ قۇرۇقلۇق ۋە قۇرۇقلۇققا يېقىن دېڭىز ئارىلىدىن تەركىب تاپقان بولپ، ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا قۇرۇقلۇقتىكى ئاھالە دېڭىز ئارىلىغا كۆچۈرۈلۈپ مۇداپىئەلەنگەن، بۇ قۇدرتلىك قورغان دەپ ئاتالغان. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن، ئۇزاققىچە مىسىر ۋە خىتت (كىچىك ئاسىيا) نىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان. مىلادىدىن ئىلگخرىكى Ⅹ ئەسىردە دۆلىتى قۇدرەت تاپقان، ھىرام Ⅰ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە (مىلادىدىن ئىلگىرى 969 - 936) كەڭ تۈردە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ، شەھەرنى كېڭەيتكەن ۋە مۇستەھكەملىگەن؛ سىپىرۇسقا ئەسكەر كىرگۈزگەن، ئافرىقىغا يۈرۈش قىلغان. تۇرې دائىم سىدون بىلەن بىر قاتارغا قويۇلۇپ، فىنىكىيىنىڭ ئوبدان پورتى ۋە سودا ـ سانائەت مەركىزى بولغان. تۇرېلار پائال تۈردە تاشقى سودا ۋە مۇستەملىكىچىلىك ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، مالتا، سىتسىلىيە ئارىلى، ئىبېرىيە يېرىم ئارىلى (ئىسپانىيە) غىچە بارغان ھەمدە جەبىلتارىق بوغۇزىدىن ئۆتكەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىردىن كېيىن، ئاسسۇر بىلەن يېڭى بابىلون (نېبۇچادنېزرار Ⅱ) نىڭ پاركەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردە پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا چۈشۈپ قالغان، لېكىن ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. مىلادىدىن 332 يىل ئىلگىرى ماكېدونىيىلىك ئالېكساندر قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمىغا قەيسەرلىك بىلەن قارىشلىق كۆرسەتكەن، شەھەر قولدىن كەتكەندىن كېين، نۇرغۇنلىغان كۆرسەتكەن، شەھەر قولدىن كەتكەندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان ئاھالە قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان، 30 مىڭ ئادەم قۇل قىلىنغان. مىلادىدىن 64 يىل ئىلگىرى رىم زېمىنىغا قوشۇلغان.