UyghurMain Dictionary
تۈزەشتۈرمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئىچىدىكى، ئۈستىدىكى قالايمىقان نەرسىلەرنى، تەكشى، تەرتىپلىك ھالەتكە كەلتۈرمەك، رەتلىمەك.
قادىر بىلەن ئاسىمگۈل پايپېتەك بولۇپ، داستىخاننى باشقىدىن تۈزۈشتۈردى.
بۇزۇلغان، قالايمىقان نەرسىنى ياخشى ھالەتكە كەلتۈرمەك.
ئۇلار نەچچە ئونلىغان سېيالكا، ساپان، ھارۋا قاتارلىقلارنى تۈزەشتۈرۈپ، تەخلەپ قويدى.
پۈرلەشكەن، تۈرتۈلگەن نەرسىلەرنى سىلىق، تەكشى ھالەتكە كەلتۈرمەك.
ھىمىت ساپانىڭ يۆلەنچۈكىدىكى تورنى تۈزەشتۈرۈپ قويدى.
كىيىم - كېچەك ۋە ئۈستۋېشىنى رەتلىك قىلىپ، تۇرقىنى ئوڭلىماق، ياسانماق.
ئۇ سەللىسىنى تۈزەشتۈرگەچ دەرۋازا تەرەپكە ماڭدى.