UyghurMain Dictionary
تۈتۈ قۇرت
بىئولوگىيە
يىپچە قۇرتلار سىنىپى، ئۇچلۇق قۇيرۇقلۇق يىپچە قۇرتلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۇ <چۈچۈك قۇرت>، <گىلمېنت شەكىللىك ئۈچەي يىپچە قۇرتى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئادەمنىڭ سازاڭسىمان ئۆسۈڭچە ۋە ئۇنىڭغا يېقىن ئەتراپتىكى چوڭ - كىچىك ئۈچەيلىرىدە پارازىتلىنىپ تۈتۈ قۇرت پەيدا قىلىدۇ. بەدىنى كىچىك، ئاق، پاختا يىپ ئۇچىغا ئوخشايدۇ. چىشى قۇرتنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 10 - 12 مىللىمېتىر، قۇيرۇق قىسمى ئۇزۇن ئىنچىكە ھەم ئۇچلۇق، ئەركەك قۇرتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2 - 5 مىللىمېتىر، قۇيرۇق ئۇچى قورساق تەرەپكە قاراپ ئىگىلىگەن بولىدۇ. قۇرت تۇخۇمىنىڭ بىر يېنى يالپاق، بىر يېنى تومپايغان، شەكلى ئەبنوس ئۈچكىسىگە ئوخشايدۇ. چىشى قۇرت كېچىسى پارازىت خوجايىنىنىڭ ئانوسىنىڭ چۆرىسىگە بېرىپ تۇخۇم سالغاندىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. تۇخۇم سالغاندا ئانۇسىنى غىدىقلاپ، قىچىشتۇرۇپ پارازىت خوجايىنىنىڭ ئۇيقۇسىزلىنىپ چارچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تاماقتىن ئىلگىرى، تەرەتتىن كېيىن قولنى يۇمايلا يېمەكلىكلەرنى تۇتقاندا، قۇرت تۇخۇملىرى بارماقلاردىنى ئېغىزغا كىرىپ قايتىدىن يۇقۇملىنىدۇ، بۇ ئۆزلۈكىدىن يۇقۇملىنىش دېيىلىدۇ. قۇرت تۇخۇملىرى يەنە ئانۇس ئېغىزىدا لىچىنكا چىقىرىپ، لىچىنكىلار ئانۇس ئارقىلىق چوڭ ئۈچەيگە كىرىپ تەتۈرچە يۇقۇملىنىشنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ. بۇلغانغان كىيىم - كېچەكلەر ئارقىلىقمۇ يۇقىدۇ.