UyghurMain Dictionary
تۈس
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ۋاقىت،چاغ؛ كەيپىيات: بۇ تۇستا - بۇ چاغدا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئامانەتكە قويغان ياكى قەرزگە بەرگەن پۇل - مالنىڭ دىرىدىن باشقا پايدىسى.
بانكىدا ئامانەت قويغان پۇلنىڭ ئۆسۈمىگە يېقىندا گوۋۇيۈەن تۈزىتىش كىرگۈزدى. شىركەتكە قوشقان پۇلۇمغا پىرسەنت ئاجراتتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بوياقنىڭ بىر _ بىرىدىن پەرق قىلىدىغان ئايرىم تۈرلىرى.
ئېشەك قۇلىقىنى ئوينىتار، ئەخمەق ئاقىل تۈسىگە كىرىۋلار. ئۆڭى ئۆچمەك.8 رەڭگارەڭ گۈللەر ئېچىلدى. رويىدىن توپا چىقىپ تۇرىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چىراي ئاسان ئۆزگىرەر، شەپقەت مەڭگۈ ساقلىغار. چىراي كۆيدۈرەر، خۇلق سۆيدۈرەر. چىراي كۆرۈپ ھال سورا. چىرايىغا چاي قۇيۇپ ئىچكىلى بولماس. ئادەم كۆركى يۈز، يۈز كۆركى كۆز. بېتى ئەدەب كۆرمىگەن، كۆتى تەرەت. دەم غەنىيمەت، دىدار غەنىيمەت. شاھزادە مەلىكىنىڭ رۇخسارىنى بىر كۆرۈپلا ئاشىقىي بىقارار بوپتۇ. تەرى ياماننىڭ مېھرى يامان. دېڭىزنى كوزىدا ئۆلچىگىلى بولماس، ئادەمنى ئەپتىدىن بىلىپ بولماس. بەشرىسى سەتنىڭ قىلىقى يامان بولۇشى ناتايىن. ئوسماننىڭ قىزىنىڭ ئۆڭى بار. ئەينەككە قارىغانغا ھۆسىن قېتىلماس. مەرتىۋە ئادەمگە ھۆسىن قوشمايدۇ، ئادەم مەرتىۋىگە ھۆسىن قوشىدۇ. ئۆمۈر ئۆتەر، ھۆسىن ئۆچەر. چېھرە ئۆزگىرەر، شەپقەت سزاقلىنار. سۆز كۆركى ماقال، ئەر كۆركى ساقال. سەمىمىي سىرتقى قىياپەت نۇرغۇن كەمچىلىكنى يېپىپ تۇرىدۇ. ئالەمدە ھەر كۈندە بار زاۋال، ئەبەدىي قالمايدۇ بۇ ھۆسىن _ جامال.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
رەڭ بوياقلارنىڭ بىر - بىرىدىن پەرقلىنىدىغان ئايرىم تۈرى؛ رەڭ.
ئۇ قولىنى بېشىغا تىرەپ كۆپكۈك تۈس ئالغان دېرىزىگە، ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا ئۇزاق قاراپ ئولتۇردى.
تاشقى كۆرۈنۈش، قىياپەت، تەقى - تۇرقى.
سۈرلۈك بىر تۈستە خىيال قىلىپ تۇرغان نىزامىدىن كەينىگە بۇرۇلۇپ، مۇشتۇملىرىنى تۈگۈپ تۇرغان ئەنۋەرگە قارىدى.
خاراكتېر.
يىغىننىڭ تۈسى ئۆزگىرىپ، پىپەنگە ئايلىنىپ كەتتى.
<تىل> پېئىلدا ئىپادىلىنىدىغان گرامماتىكىلىق كاتېگورىيۇىلەرنىڭ بىرى. بىر قەدەر كۆپرەك ئۇچرايدىغان تۈسلەردىن ئىزچىل تۈس، ئىمكان تۈس، چەكلىمىسىز تۈس، سىناق تۈس، تەمشەلمە تۈس قاتارلىقلار بار.