UyghurMain Dictionary
تۈرۈك
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت( « تۈر » گە سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچە « ئۈك » قوشۇلغان ).
تۈرۈلگەن.
ئۇنىڭ قاپىقى تۈرۈك تۇرىدىغۇ، نېمە بولدى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
ئوقۇمىغان، ساۋاتسىز، بىلىمسىز، كاج.
ئۇ ئالما، بۇ ئۆرۈك، سەن موللا، مەن تۈرۈك.* تۈرۈككە بىر تاياق، موللىغا ئون تاياق ( ماقال ).
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
<تۈرۈكⅠ> گە قاراڭ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
تۈرۈلگەن، تۈرۈلۈپ تۇرغان.
ھەممىسىنىڭ قاپاقلىرى تۈرۈك، ئاۋازلىرى بوغۇق ئىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
خەت - ساۋاتى يوق، ئوقۇمىغان، بىلىمسىز.
نەسەبدىن گەپ ئاچقاندا، مەن ئەسلىي ئادەتتىكى بىر تۈرۈكمەن، ياشلىقىمدىن سازغا ئىشتىياقىم بار ئىدى.