Uyghur←ChineseMain Dictionary
تۈرمىدىن قېچىشنى ئۇيۇشتۇرۇش جىنايىتى
Domain: جىنايەت ۋە جازا组织越狱罪
zǔ zhī yuè yù zuì
بۇ - جىنايەتچىلەرنى تۈرمىدىن قېچىشقا توپلىغان، پىلانلىغان ۋە ئۇنىڭغا قوماندانلىق قىلغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ نورمال باشقۇرۇش تەرتىپى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە باش ئۇنسۇرنىڭ تەشكىللىشى ئارقىسىدا، توپلىشىپ تەشكىللىك، پىلانلىق ئاساستا تۈرمىدىن قېچىش قىلمىشىنى سادىر قىلىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولىدۇ، يەنى پەقەت قانۇن بويىچە قامالغان جىنايەتچىلا بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
317 - ماددا 1 - تارماق تۈرمىدىن قېچىشنى ئۇيۇشتۇرغان باش ئۇنسۇرلارغا ۋە ئۇنىڭغا ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقا قاتناشقۇچىلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
قانۇنشۇناسلىق,ئەدلىيە ئاتالغۇلىرى
组织越狱罪
zǔ zhī yuè yù zuì
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.