UyghurMain Dictionary
تۈركلەر
دۇنيادىكى مىللەتلەر
تۈركلەر <كۆك تۈركلەر> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، <تۈرك> - ئەسلىدە ئېلىمىزنىڭ شىمالىي ۋە غەربىي شىمالىدا ھۇنلار، سىيانپىلار، جورجانلاردىن كېيىن ياشىغان قەدىمكى كۆچمەن چارۋىچى قەبىلە - مىللەت نامى ھەم خانلىق نامى، ئۇلار دەسلەپتە ئالتاي تاغلىرىنىڭ غەربىي ئېتەكلىرىنى ئاساس قىلغان كۆچمەن چارۋىچى قەبىلە بولۇپ، جورجانلارغا بېقىنغان. 446 - يىلى ئاشىنا قەبىلىسى جورجانلارغا قارشى يۈرۈش قىلغان، ئالاھەزەل 546 - يىلى ياكى 552 - يىلى ئاشىنا قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى تۈمەننىڭ باشچىلىقىدا، تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدا ياشىغۇچى تۆلۆسلار (تېلېلار)، قىتانلار، خاككاسلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغان، كېيىن ئېفتالىتلار، جورجانلارنىمۇ يوقىتىپ، ئۆتۈكەن تېغىنى ئۆزىگە بارىگاھ قىلىپ 552 - يىلى تۈرك خانلىقىنى قورغان، تۈرك خانلىقى ئەڭ قۇدرەت تاپقاندا، ئۇنىڭ زېمىنى شەرقتە لياۋشۈي دەرياسىدىن تارتىپ، غەربتە كاسپىي دېڭىزىغىچە، شىمالدا بايقال كۆلىدىن تارتىپ، جەنۇبتا ئامۇ دەرياسىغىچە يېتىپ بارغان، يەنى ھازىرقى موڭغۇل يايلىقى، جۇڭغار ئويمانلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا يايلاقلىرىنى ئۆزئىچىگە ئېلىپ، ئېلىمىز ۋە دۇنيا تارىخىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. مىلادى 583 - يىللىرى بۇ خانلىق ئالتاي تېغىنى پاسىل قىلغان ھالدا غەرب ۋە شەرقتىن ئىبارەت ئىككى قىسمغا بۆلۈنۈپ كەتكەن. شەرقىي تۈركلەرنىڭ بارگاھى ئۆتۈكەن تېغىدا بولۇپ، قاغانى مۇقان (553 - 572) ئىدى، غەربىي تۈركلەرنىڭ بارگاھى يۇلتۇزدا بولۇپ، قاغانى ئىستەمى (552 - 576) ئىدى. غەربىي تۈرك خانلىقىنىڭ زېمىنى تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا، پامىر ئەتراپلىرىدا ئىدى. غەربىي تۈرك خانلىقى كېيىن بارگاھىنى يۇلتۇزدىن سۈيئاب (چۇ دەرياسى) ۋادىسىدىكى مىڭبۇلاققا كۆچۈرگەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن غەربىي يۇرتتىكى قوچۇ، سۇلى (قەشقەر)، ئۇدۇن (خوتەن)، كۈسەن (كۇچار)، كىنگىت (قارا شەھەر) قاتارلىق بەگلىك دۆلەتلەرمۇ بىر مەھەل غەربىي تۈرك خانلىقى تەۋەسىگە ئۆتكەن. 657 - يىلىغا كەلگەندە غەربىي تۈركلەرنىڭ باشقۇرۇشىدىكى زېمىن تاڭ سۇلالىسى ئىلكىگە ئۆتۈپ، غەربىي تۈركلەر زېمىنىدا تېنقنۇر ۋە ئىسسىق كۆلدىن ئىبارەت ئىككى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان.
غەربىي تۈركلەر ھۆكۈمرانلىقىدىكى جايلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئارلىقىدا بولغانلىقتىن سودا، قاتناش ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان.
تۈركلەر يېزىق ئىجاد قىلىپ، بىر مۇنچە يازما يادىكارلىقلارنى قالدۇرغان، تۈركلەر بولۇپمۇ ئېلىمىزنىڭ شىمالىي ۋە غەربىي قىسمىدا نەچچە ئەسىر داۋام قىلغان مالىمانچىلىق - بۆلۈنمىچىلىك ھالىتىگە خاتىمە بېرىپ، ئېلىمىزنىڭ شىمالىي ۋە غەربىي قىسىمىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن بىرلىككە كېلىشىگە زور تۆھپە قوشقان. تۈرك خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇرقۇن - ئۇيغۇر خانلىقى دەسسىگەن.
دۇنيادىكى مىللەتلەر
تۈركلەر تۈركىيىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ ئومۇمى نوپۇسى 44 مىليون 500 مىڭ. ئۇنىڭ 8.93 پىرسەنتى تۈركىيىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 8.80 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا گرېتسىيە، گېرمانىيە(1 مىليون 500 مىڭ) فرانسىيە، بۇلغارىيە، سابىق يۇگۇسلاۋىيە، ئالبانىيە، ئىران، سېپرۇس ۋە گوللاندىيە قاتارلىق ئەللەردىمۇ 2 مىليون 800 مىڭدىن كۆپرەك تۈرك بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە سسېپرۇستا ئاھالىنىڭ 19 پىرسەنتىنى، ماكېدونىيىدە 5 پىرسەنتىنى، بۇلغارىيىدە 10 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
تۈركلەر موڭغۇل ئىرقىنىڭ شەرقىي ئاسىيا تىپى ئارىلاشقان ياۋروپا ئىرقى ھىندى - ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ. ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى تۈركىي تىللار گۇرۇپپىسىنىڭ غەربىي تىللار تارمىقىغا تەۋە تۈرك تىلىنى قوللىنىدۇ. بۇتىل تۈركىيىدە دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ؛ مىللى يېزىقى بار، تۈركلەر دەسلەپ ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېڭى تۈرك يېزىقىنى قوللانغان. ھازىر لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېڭى تۈرك يېزىقىنى قوللىنىدۇ.
تۈركلەرنىڭ 99 پىرسەنتى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇلار دىنىي مائارىپقا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ.
تۈركلەرنىڭ 60 پىرسەنتى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا ئاساسەن بۇغداي، كېۋەز، تاماكا، ئۈزۈم، زەيتۇن، كۆكتات ئۆستۈرىدۇ. 40 پىرسەنتى چارۋىچىلىقتا قوي (بولۇپمۇ ئەنقەرە قويى)، ئۆچكە، كالا، ئات قاتارلىق چارۋىلار بېقىلىدۇ. سانائەتتە يىمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىق، تاماكا سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ.
تۈركلەر ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي مىللەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىۋاستە ئەجدادلىرى ئوغۇز تۈركلىرى ئىدى.
يېزىلاردىكى تۈرك ئاھالىلىرى ئىچىدە، قىز ئېلىپ قېچىپ نىكاھلىنىش، قايچا قۇدىلىشىش (ئۆز - ئارا قىز ئالماشتۇرۇش)، ئوغۇلچىلاپ كىرىش، نىكاھتا سودىلىشىش، بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش قاتارلىق ئەنئەنىۋى نىكاھ ئادەتلىرى ھېلىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ساقلىنىپ قالغان.
تۈركلەرنىڭ توي مەرىكىسى <كېلىننى يۇيۇندۇرۇش>، <كېلىنگە خېنە قويۇش>،<يول توسۇش> ۋە <كېلىننى ھۇجرىغا يۆتكەپ كىرىش> قاتارلىق نۇرغۇن ئەنئەنىۋى مۇراسىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تۈركلەرنىڭ روزا ھېيت، قۇربان ھېيت، مەۋلۇد، تاتلىق ئۇماچ ئىچىش (ئاشۇرا) كېچىسى، مئىراجغا چىقىش كېچىسى، ھىدراللەز، نورۇز ۋە يىگىتلەرنىڭ ئۆيىگە قايتىش بايرىمى قاتارلىق دىنىي ۋە ئەنئەنىۋى بايراملىرى بار. ھىددەللەز بايرىمى ھەر يىلى 6 - ماي كۈنى كۆكلەمنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى قۇتلۇقلاش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزىلىدىغان ئەنئەنىۋى بايرىمى ھېسابلىنىدۇ. چېلىشىش، چەۋەندازلىق، تۆگە سوقۇشتۇرۇش، خوراز سوقۇشتۇرۇش ۋە تېرە قورچاق ئويۇنى قاتارلىق ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركچە چېلىشىش (قەدىمكى تۈركچە چېلىشىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئۆزگىچە بولىدۇ.
تۈركلەر گۈل - گىياھقا ھېرىسمەن مىللەت. تۈرلۈك ئىجتىمائىي پائالىيەت ۋە توي مەرىكىلىرىنىڭ ھەممىسى گۈلسىز ئۆتمەيدۇ.
تۈركلەر سامساقنى بەخت - تەلەي ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارايدۇ. شۇڭا يېزا قىشلاقلىرىدا نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ ئىشىك بېشىغا سامساق ئېسىپ قويۇلىدۇ.
تۈركلەر ئۆزگىچە رەڭ قارىشىغا ئىگە مىللەت. ئۇلار ئومۇمەن ئالا - يېشىل ۋە چەيزە رەڭنى شۇملۇق، بىتەلەيلىكنىڭ بىشارىتى دەپ يامان كۆرىدۇ، ئادەتتە بۇ خىل رەڭلىك كىليىم - كېچەكلەرنى كېيمەيدۇ؛ ئاياللار، بولۇپمۇ تۇل، بويتاق ئاياللار تۇخۇم يېمەيدۇ. تۈركلەرنىڭ موھىم بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلار ئادەتتە <ھاممام>(تۈركچە سەرەپخانا، مۇنچا) غا بېرىپ يۇيۇنۇش، بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە ھەمسۆھبەتتە بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ ئاساسەن رىملىقلاردىن قالغان ئەنئەنە بولۇپ، بۇ خىل ھامماملار ناھايىتى ئوبدان بېزەلگەن بولىدۇ.
تۈركلەر مول خەلق ئېغىز ئەدەبىيات مىراسلىرىغا ئىگە مىللەت، تۈرك ئېغىز ئەدەبىيات مىراسلىرى ئىچىدە <دەدە قورقۇت مەسەللىرى> بىلەن <خوجا نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى> قاتارلىقلار ئەل ئىچىگە كەڭ تارالغان . <دەدە قورقۇت مەسەللىرى> تۈركلەرنىڭ ئەجدادى ئوغۇزلاردىن تارتىپ داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان داستان خاراكتېرلىك ئېغىز ئەدەبىيات مىراسى بولۇپ، ⅩⅤ ئەسىرنىڭ بېشىدا قەلەمگە ئېلىنىپ رەتلەپ چىقىلغان.
تۈركلەر تارىختىن بۇيان ئىسىم قوللىنىپ، فامىلە قوللانمىغان. پەقەت تۈركىيە بۇرژۇئا ئىقىلابىدىن كېيىن <فامىلە قانۇنى> تۈزۈپ چىقىلىپ، فامىلە قوللىنىشقا ئادەتلەنگەن. تۈركلەردە پەرزەنتلىرى ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى فامىلە قىلىدۇ، ئايرىم ئەھۋال ئاستىدا ئانىسىنىڭ، بوۋىسىنىڭ فامىلىسىنىمۇ قوللىنىدىغانلارمۇ ئۇچرايدۇ. قىزلار ياتلىق قىلىنغاندىن كېيىن ئېرىنىڭ فامىلىسىنى قوللىنىدۇ.
تۈركلەر ھىلال ئاي ۋە يۇلتۇزنى بەخت - سائادەت، ئامەتنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ.