UyghurMain Dictionary
تۈمەن
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئون مىڭ.
يېزا، رايون.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئون مىڭ؛ يېزا، رايون.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ساناق سان، مىڭدىن ئونى
نۆلدىن مىڭى بىرگە تەڭ كەلمەس، تۈمەن خىيال بىر ئىشلىگەنگە يەتمەس. تۈمەن « 0 » دىن بىرلا «1» ئەلا.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۈمەن.
قەشقەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان دەريانىڭ نامى.
1 - 522
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۈمەن، كۆپ، نۇرغۇن.
تۈمەن تۈرلۈگ سۆزلەدى _ تۈرلۈك - تۈمەن سۆزلەرنى قىلدى.
1 - 522
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۈمەن.
تۈمەن مىڭ _ مىڭ كەررە مىڭ، يەنى بىر مىليون. تۈمەن يارماق _ بىر مىليون يارماق.
1 - 523
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سان. ئون مىڭ.
مەخمۇتجان خۇرۇم زاۋۇتى قۇرۇشقا ئون تۈمەن پۇل تەييارلىغانىدى.
سۈپ. ناھايىتى كۆپ، نۇرغۇن؛
سېنىڭ دەردىڭدە ئاۋارە، يۈرەك - باغرىم تۈمەن پارە.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئون مىڭ؛ قۇدرەتلىك، كۈچلۈك.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ناھايىتى كۆپ؛ ئون مىڭ؛ چەكسىز. ھۇن ئىمپېراتورى باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ئاتىسى تۈمەن تەڭرىقۇتنىڭ ئىسىمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
ئون مىڭ؛ ناھايىتى كۆپ، چەكسىز؛ كۈچ-قۇدرىتى چەكسىز كىشى.