UyghurMain Dictionary
تۈك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە ھايۋانلار، بەزى ئۆسۈملۈكلەر ئۈستىدىكى يىپەكسىمان نەرسە.
<يۇڭ> ئادەمگە ئيېتىلمايدۇ، <تۈك> دېيىلىدۇ.
<تىۋىت> ئۆچكە، تۆگە يۇڭلىرىنىڭ ئەڭ يۇمشاق، نەپىس قىسمى، تارىۋېلىنىدۇ.
ئاۋسترالىيىدە بىر دېھقان ئۆيدە باققان بىر قويىدىن 29 كىلوگرام يۇڭ قىرقىۋالغان. يۇڭ تالاسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 62 سانتىمېتىر ئىكەن. تۈكلۈك ئادەم - تۈكى چۈشۈپ كەتكەن تېرە. تۈك قايان ياتسا، شۇ يانغا سىلا. ئۆچكىنىڭ مويى كۆپ، بەڭگىنىڭ ئويى. تېكىنىڭ سۈتى بولمىغان بىلەن، تىۋىتى بار.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
<تۈⅠ> گە قاراڭ؛ يۇڭ، قوي يۇڭى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بەدەندە ئۆسكەن چاچ ياكى موي، يۇڭ.
چۈجە باسقان توخۇنىڭ مەيدىسىدە تۈكى يوق (ماقال).
بەزى نەرسىلەرنىڭ ئۈستىنى قاپلىۋالغان ئۇششاق - ئۇششاق قىل ۋە توزغاقسىمان قەۋەت.
شاپتۇلنىڭ تۈكى.