UyghurMain Dictionary
تۈگۈنچە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كىچىك تۈگۈن، بوغچا.
ئۇ قوينىدىن ياغلىققا چىگىلگەن بىر تۈگۈنچە ئالدى.
يىپنىڭ ئۇلانغان جايى، تۈگۈن.
يىپنىڭ تۈگۈنچىسى.
كۆچمە. كۆڭۈلدە يېشىلمىگەن گۇمان.
ھەقىقەتەن بۇ پاراكەندىچىلىك ھەممە ئادەمنىڭ كۆڭلىدە بىر تۈگۈنچە پەيدا قىلىپ قويغانىدى.
<بىئول> جانلىقلار تېنىنىڭ يۈزىدە ياكى ئىچكى توقۇلمىلىرىدا بولىدىغان دۈگىلەك شەكىللىك كىچىك قاپارتمىلار. ئولتۇرغۇچ سۆڭەك، دوۋسۇن سۆڭىكى، دۆڭ مېڭە، ئېڭەك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدىلا تۈگۈنچىلەر بولىدۇ.