UyghurMain Dictionary
تۈگۈچ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
يىپ، رەخت قاتارلىقلارنىڭ تۈگۈلگەن، چىگىلگەن جايى.
ئايدىن ئەپەندى قىزىمغا بۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ گالستۇكىنىڭ تۈگۈچىنى ئالىقىنىغا ئالدى.
رەخت بىلەن ئوراپ، چىگىپ تۈگۈلگەن نەرسە.
دوختۇر تۆش يانچۇقىدىن قىپقىزىل تاۋارغا ئورالغان كىچىككىنە تۈگۈچنى سۇغۇرۋالدى - دە، ھېپىزەمگە ئۇزاتتى.
ۋەقە - ھادىسە ۋە ئوي - پىكىرنىڭ ھەممىگە چېتىلىدىغان، بىرلىككە كېلىنگەن مۇھىم نۇقتىسى.
خۇشاللىقىمىز بىلەن خاپىلىقىمىز بىر تۈگۈچكە كەلمىگەندىكىن، مېنىڭ راست گېپىمنىڭ ئاداۋەت بولۇپ تۇيۇلۇشى تۇرغانلا گەپ!
كۆڭۈلدە ساقلانغان گۇمانلىق، سىرلىق ئەھۋال.
ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان كونا - يېڭى دوستلىرىنىڭ چىرايلىق گەپ، ماختاشلىرىمۇ بۇ دېھقاننىڭ كۆڭلىدىكى تۈگۈچنى تېخىچىلا يېشەلمىگەنمىدۇر - ھە؟ * سالچى يول بويى پاراڭ قىلماي كېلىۋاتقان ھەمراھلىرىنىڭ بۇ پاراڭلىرىدىن، باياتىن بېرىقى تۈگۈچ خىياللىرىنىڭ يىپ ئۇچى چىقىۋاتقاندەك ھېس قىلدى.