Chinese→UyghurMain Dictionary
突触
پسىخولوگىيە
سىناپسىې
بىر نېرۋا ھۈجەيرىسىنىڭ ئوقسىمان ئۆسۆكىنىڭ ئوچى بىلەن يەنە بىر ھۈجەيرە ياكى ئۇنىڭ دەرەخسىمان ئۆسۈكچىسىنىڭ ئۇچراشقان جايى سىناپسىې دەپ ئاتىلىدۇ ( « نېرۋا ھۈجەيرىسى» گە قاراڭ).
بىئولوگىيە
سىناپس
<ھۈجەيرە ئۆسۈكچىلىرى تېگىشمىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. نېرۋا ھۈجەيرىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ياكى نېرۋا ھۈجەيرىلىرى بىلەن باشقا ھۈجەيرىلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنىڭ ئۇلىنىش نۇقتىسى سىناپس دەپ ئاتىلىدۇ. سىناپس ئۆزئارا قوشنا ھۈجەيرىلەر ئارىسىدىكى ئۈزۈك رايون بولۇپ، ھۈجەيرىلەر ئارىسىدا ئىنفورماتسىيە يەتكۈزىدىغان ئالاھىدە تۈزۈلۈش ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۈزۈلۈش ئارقىلىق ئالدىنقى بىر دەرىجىلىك نېرۋا ھۈجەيرىسىنىڭ چىقارغان ئىمپۇلسنى كېيىنكى بىر دەرىجىلىك ھۈجەيرىگە ياكى ئېففېكتور ھۈجەيرىسىگە يەتكۈزۈپ ئۇلارنى قوزغىتىشقا ياكى تورمۇزلاشقا بولىدۇ. بەدەندىكى ھەر خىل ئىنفورماتسىيىلەرنىڭ يەتكۈزۈلۈشى ھەمدە ئورگانىزم بىلەن سىرتقى مۇھىتنىڭ بىرلىكىنى تەڭشەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. سىناپسنىك ئېلېكترلىك سىناپس ۋە خىمىيىلىك سىناپستىن ئىبارەت ئىككى خىل تىپى بولۇپ، ئالدىنقىسىنىڭ تۆۋەن ئېلېكتر قارشىلىقلىق ئۇلىنىش نۇقتىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئېلېكتر ئېقىمى بىر ھۈجەيرىدىن يەنە بىر ھۈجەيرىگە بىۋاسىتە ئېقىپ ئۆتەلەيدۇ؛ كېيىنكىسىدە نېرۋا ئاخىرقى ئۇچلىرى قويۇپ بەرگەن ئاتسېتىل خولىن ۋە نورئادرېنالىنغا ئوخشاش خىمىيىلىك ترانسمىتتېرغا تايىنىپ سىناپس كېيىنكى پەردىسىنى غىدىقلاپ ئۇنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئىنفورماتسىيىنىڭ يەتكۈزۈلۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. شۇڭا خىمىيىلىك سىناپس يەككە يۆنىلىشلىك توشۇش خاراكتېرىگە ئىگە. يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسى ئاساسەن خىمىيىلىك سىناپس ئارقىلىق ئۇچۇر يەتكۈزىدۇ.
ئادەم ئاناتومىيىسى
tū chù
ئۆسۈكچە تېگىشىمىسىDكومپيۇتېر
tū chù
تېگىپ قېلىشDتېببىي
tū chù
سىناپسى، ئۆسۈكچىلەر تېگىشمىسىDئۇنىۋېرسال
tū chù
سىناپس