UyghurMain Dictionary
تىترىمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سوغۇقتىن ياكى قورقۇنچتىن بەدەن سىلكىنمەك.
تۈپتۈز يولدا تىترىسە دارۋاز ئايىقى، نېمە بولار ھالى دارغا چىققان چېغى. دىرىلدىگەن غەيرىتىدىن ئايرىلار. قورققاننى تىترەك باسار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
سوغۇق، قورقۇش، ماغدۇرسىزلىق ياكى كېسەللىك قاتارلىقلارنىڭ سەۋەبىدىن بەدەن ئىختىيارسىز ھالدا لاغىلدىماق، دىرىلدىمەك.
نامان تۈلكە جان ئۈزۈۋاتقان ئۆلۈكتەك جالاقلاپ تىترەپ، تەسلىكتە بېشىنى كۆتۈردى.
لەرزىگە كېلىپ سىلكىنمەك، تەۋرەنمەك.
ئون نەچچە مىڭ كىشىلىك قاتار سەپلەرنىڭ ئاياغ تاۋۇشلىرى گۈرسۈلدەپ، يەرلەر تىترەيتتى.
ئۈزۈلۈپ - ئۈزۈلۈپ، دولقۇنلىنىپ چىقماق.
ئانىنىڭ ئاۋازى ئىختىيارسىز تىترەپ چىقتى.
كۆچمە. قورقماق.
جەڭگىۋار يىللاردا شېئىرىڭ بولدى بىر ئۆتكۈر قىلىچ، تىترىدى ياۋلار تامام كۆرگەنسېرى كۈچ - قۇدرىتىڭ