UyghurMain Dictionary
تېتىك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۈچى - مادارى بار، روھى كۆتۈرەڭگۈ.
«تېتىك» قېرىلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا ئېيتىلىدۇ.
جانلىق ئادەم جاندىن غەم يېمەيدۇ. ھاشىم بوۋاي خېلى تېتىك تۇرۇپتۇ. ئىشتا روھلۇق بولساڭ، ئۈنۈمىڭ كۆپ بولىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىشنى تېز ۋە جايىدا پۈتتۈرىدىغان، ھەرىكىتى تېز.
تەڭرى پۇت _ قولى چاققانغا ئامراق. چاققان جۇۋاننى بۆشۈك ئاستىدا كۆز. چېچەننىڭ تىلى، چەبدەسنىڭ قولى. ئەپچىلنىڭ ئىشى ئوڭ. توقسانغا كىرگەن تېتىك بولماس. ئايىغى يېنىك ئەلگە ياقىدۇ. ئايىغى ئىتتىك ئاشقا، ئاغزى ئىتتىك باشقا.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىش - ھەرىكىتى ناھايىتى تېز، ئەپلىك.
لايپاس، ئەزمە، ئېزىلەڭگۈ، مىلجىڭ، گىجىڭ، سۆرەلمىپالاس، پالاكەت ، بىجىقىم، ئايىغى ئېغىر
ئىش - ھەرىكىتى ئاستا، قوپال.
چاققان خوتۇننى بۆشۈك تۈۋىدە كۆرۈڭ. چېچەننىڭ تىلى، چەبدەسنىڭ قولى. ئەپچىلنىڭ ئىشى ئوڭ. توقسانغا كىرگەن تېتىك بولماس. ئايىغى يېنىك ئەلگە ياقىدۇ. مىلجىڭنى ئەزمە يېڭىدۇ. ئاغزىڭ ئەپچىل بولغۇچە، قولۇڭ ئەپچىل بولسۇن. گىجىڭدىن قورق. ئېزىلەڭگۈ ئايىغىنى سالغۇچە، چەبدەس يۇيۇنۇپ بولار. بىجىقىم خوتۇن چاي قايناتقۇچە، چاققان خوتۇن ئاش پىشۇرار. پالاكەتنىڭ بېشى يېرىق. سۆرەلمىپالاس ئىش بۇزار. ئايىغى ئېغىر ئىشنى كېچىكتۈرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
شوخ، جانلىق، چاققان، روھلۇق، جۇشقۇن.
ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇشال، تېتىك كۆرۈنەتتى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
جانلىق، ماھىر، تېتىك
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەقىللىق، ھوشيار، ماھىر، جانلىق، تېتىك قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىم.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
ئەقىللىق، ھۇشيار، ماھىر، جانلىق، تېتىك كىشى.