Uyghur←ChineseMain Dictionary
تېسولار
Domain: دۇنيادىكى مىللەتلەر特索人
tè suǒ rén
تېسولار ئۇگاندادا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 85 پىرسەنتى ئۇگاندا (1 مىليون 50 مىڭ) توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، بىر كېنىيىدە (150 مىڭ) تارقاق ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 1 مىليون 530 مىڭدىن كۆپرەك.
تېسولار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ، تېسۇلار ئەسلى نىلوتلارنىڭ جەنۇبىي تارمىقى بولۇپ، تارىختا <باتېسولار>، <كېيدلار>، <باكادېلار>، <ۋاكېدىلار> قاتارلىق خىلمۇ - خىل ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن.
تېسولار نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپسىغا تەۋە تېسوتو تىلىنى قوللىنىدۇ.
تېسولارنىڭ كۆپىنچىسى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ كەلگەن، بىر قىسمى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
تېسولار Ⅹ[KG-*2]Ⅷ ئەسىرگىچە كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، قوشتلار، بانتۇلارنىڭ دېھقانچىلىق مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىپ، كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشتىن ۋاز كېچىپ، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن .
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.