UyghurMain Dictionary
تىشلاتتى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تىشلەتتى ~ چىشلەتتى.
ئول ئانى تىشلاتتى _ ئۇ ئۇنى چىشلەتتى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
چاغرى بېرىپ قۇشلاتۇ
تايغان ئىزىپ تىشلاتۇ
تىلكۈ توڭۇز تاشلاتۇ
ئەردەم بىلە ئۆگلەلىم
«قارچىغا بېرىپ قۇشلىنىپ،
تايغان سېلىپ چىشلىتىپ،
تۈلكە، تۇڭگۇزنى تاش بىلەن ئۇرۇپ،
پەزىلەت بىلەن پەخىرلىنەي.»
ئوۋچىلىق ۋە كۆڭۈل ئازادىلىكىنى تەسۋىرلەپ شۇنداق دەيدۇ: يىگىتلەرگە لاچىن بېرىپ قۇشلىتايلى، تايغان سېلىپ كېيىك، تۇڭگۇز، تۈلكىلەرنى چىشلىتەيلى، تايغانغا ياردەملىشىپ ئۇ ھايۋانلارنى تاش بىلەن ئۇرايلى، پەزىلەتلىرىمىز بىلەن پەخىرلىنەيلى ( تىشلاتۇر _ تىشلاتماق).
2 - 502