UyghurMain Dictionary
ترۇمېنىزم
دۇنيا تارىخى
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترۇمېننىڭ 1947-يىل 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى دۆلەت خېتىدە ئوتتۇرىغا قويغان تاشقى سىياسەت پروگراممىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ، كوممۇنىزم <ئەركىن دۇنيا ۋە ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالماقتا>، ئامېرىكا <بەزى> دۆلەتلەرنى قايتا گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت <ۋەزىپە> نى ئۈستىگە ئېلىش مەسئۇلىيىتى بار دەپ جاكارلاپ، ئامېرىكا پارلامېنتىدىن 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىپ گرېتسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ياردەم بېرىپ، خەلق ئىنقىلابى ھەرىكىتىنى باستۇرۇشقا ياردەم كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا ئۇرۇشتىن كېيىن ئەنگلىيە، فرانسىينىڭ زەئىپلەشكەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ ياردىمى بىلەن ئەنگلىيە، فرانسىيە تەسىر كۈچىنى سىقىپ چىقىرىپ، ئوتتۇرا شەرقنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتكەن. ئۇ، ئەينى زاماندا <مارشالل پىلانى> بىلەن بىرگە، ئامېرىكىنىڭ سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىش سىياسىتىنىڭ ئاساسىنى ھاسىل قىلغان.