UyghurMain Dictionary
تېرتۇللىيان
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن مىلادى 160 - 230) رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ دەسلپەكى مەزگىلىدىكى خرىستىئان دىنىي پوپلىرىنىڭ بىرى. چېركاۋ يازغۇچىسى. شىمالىي ئافرىقىدىكى كارفاگېندىكى بىر ئوفىتسېر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. قانۇنشۇناسلىق بويىچە قاتتىق تەربىيە ئالغان. ياش دەۋرىدە بىدئەت دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. تەخمىنەن مىلادى 195-يىلى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولغان. تەخمىنەن 207-يىلى ئورتودوكسال چېركاۋلارنىڭ كۈندىن - كۈنگە دەھرىيلىشىشىگە نارازى بولۇپ، مونتانىستقا ئۆتۈپ كەتكەن. يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. <خرىستىئان دىنىنى ئاقلاش> ناملىق مەشھۇر ئەسىردە، رىم ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خرىستىئان دىنىنى كەمسىتىشتىن خرىستېىئان دىنىغا كەڭچىلىك قىلىشقا ئۆزگىرىشى تەلەپ قىلىنغان ھەمدە مۇرىتلار ئىمپېراتور (سېپومىت سېۋىرۇ تەختتە ئولتۇرغان چاغدا) غا سادىق بولۇشى كېرەك، دەپ ھېسابلىغان. باشقا ئەسەرلىرىدىن <چوقۇندۇرۇش ھەققىدە>، <تاقەت قىلىش ھەققىدە> قاتارلىقلار بار. بۇ ئەسەرلەردە ئېتىقاد تەشەببۇس قېلىنغان. مەسىلەن، خۇدانىڭ بالىسى (ئەيسا خرىستوس) نىڭ ئۆلۈشى ئەقىلغا مۇۋاپىق بولمىسىمۇ، لېكىن ئىشەنچلىك، يەنە تىرىلىشى مۇمكىن بولمىسىمۇ، لېكىن مۇقەررەر. شۇنىڭغا ئوخشاش بىمەنە مەنتىقىلەر بىلەن كىشىلەرنى خرىستىئان دىنىغا قارىغۇلارچە ئېتىقاد قىلىشقا چاقىرغان.