UyghurMain Dictionary
ترېست مەسىلىسى
دۇنيا تارىخى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ترېستنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تەۋەلىك مەسىلىسى. ترېست ئادرىياتىك دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىرغىقى، ئىسترىيە يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان. ئۇ جەنۇبىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ئادرىياتىك دېڭىزىغا ئۆتىدىغان مۇھىم پورت ھېسابلىنىدۇ. شەھەر رايونىدا تۇرىدىغان ئاھالە ئاساس ئىتالىيانلار، شەھەر رايونىنىڭ سىرتىدا تۇرىدىغانلار سلوۋېنىيىلىكلەردىن ئىبارەت. ئەسلىدە بۇ جاي ئاۋسترو - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىگە تەۋە بولغان. 1920-يىلى ئىتالىيە ترېست ۋە ئىسترىيە يېرىم ئاىرلىنى بېسىۋېلىپ، بۇ ئىككى جاينى بىرلەشتۈرۈشپ ئىتالىيىنىڭ بىر ئۆلكىسى قىلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گېرمانىيە ترېستنى بىر مەھەل ئىشغال قىلىۋالغان. يۇگوسلاۋىيە پارتىزانلىرى ترېستنى ئازاد قىلىپ سلوۋېنىيە ھۆكۈمىتىنى قۇرغان. 1947-يىلى ئىتالىيىگە قارىتا سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالىنىپ، ترېست ئەركىن رايونى قۇرۇش بەلگىلەنگەن ھەمدە بۇ رايوننى A، B رايون قىلىپ ئىككىگە ئايرىغان، A رايون شەھەر ۋە پورتىنىڭ شىمالىي يېرىم قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىغا قاراشلىق بولغان، B رايون تەخمىنەن 527 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان شەھەر سىرتىدىكى كۆپ قىسىم رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، يۇگوسلاۋىيىگە قاراشلىق بولغان. 1954-يىل 10-ئاينىڭ 5-كۈنى ئەنگلىيە، ئامېرىكا، ئىتالىيە ۋە يۇگوسلاۋىيىدىن ئىبارەت تۆت دۆلەت لوندوندا يارىشىش مېموراندۇمى تۈزۈپ، ئەنگلىيە، ئامېرىكا ئارمىيىسىنى شىمالىي قىسمىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىش، A رايوننى ئىتالىيىنىڭ باسقۇرۇشىغا ئايرىپ بېرىپ، ئۇنى يەنىلا ئەركىن پورت قىلىشنى قارار قىلغان. B رايون يەنىلا يۇگوسلاۋىيىگە قارشلىق بولغان. 1975-يىلى ئىتالىيە بىلەن يۇگوسلاۋىيە ترېسىت رايونىنىڭ پاسىلى توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاپ، چېگرا رايونلىرىنى سەل - پەل رەتكە سالغان.