Lughet
DictionaryUyghurتىرىپانگا سىنىپى
UyghurChineseMain Dictionary

تىرىپانگا سىنىپى

بىئولوگىيە 海叁纲 hǎisāngāng دېىز ئادەمگىياھى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئېغىز قۇتۇبى ۋە ئېغىز ئەكسى قۇتۇبى ئۇزىراش بىلەن تەرخەمەك شەكلىگە كەلگەن. ئۆز ئوقىنىڭ گورىزونتال ھالىتى بويىچە دېڭىز تېگىدە توغرىسىغا يېتىپ ھايات كەچۈرىدۇ. ئاغزى ئالدى ئۇچىدا بولۇپ، ئەتراپىدا سېزىش بارماقلىرى ئايلىنىپ ئۆسكەن. ئانۇسى ئارقا ئۇچىغا جايلاشقان بولىدۇ. دۈمبە تەرىپىدىكى ئىككى ئۇزۇن يولىدىكى نەيچە پۇتلىرى رۇدىمېنتلىشىپ كونۇسسىمان گۆش ئۆسمىسىگە ئايلانغان. قورساق قىسمىدىكى ئۈچ ئۇزۇن يول رايونىدا نەيچە پۇتلىرى بولىدۇ. بەدەن دىۋارىنىڭ مۇسكۇللىرى تەرەققىي قىلغان، سۆڭەكلىرى ھەرخىل ئۇششاق كالتسىيلىق سۆڭەك پارچىلىرىدىن ئىبارەت. نەپەسلىنىش ئورگىنى نەپەسلىنىش شاخچىسى (قوشۇمچە چىقىرىۋېتىش رولىغا ئىگە) دىن ئىبارەت. تەسىرگە ئۇچرىغاندا ئىچكى ئەزارلىرىنى چىقىرىۋېتىش ئالاھىدىلىكى بار (ھەزىم قىلىش يولى، نەپەسلىنىش شاخچىسى قاتارلىق ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنى ئانۇسى ئارقىلىق چىقىرىۋېتىدۇ). كىچىك ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر ھەم لاي - قۇملارغا ئارىلىشىپ كەتكەن ئورگانىك ماددىلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. ئۇلار دۇنيادىكى ھەرقايسى دېڭىز - ئوكيانلارغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، تولاراق 3 - 15 مېتىر چوڭكۇرلۇقتىكى تېيىز دېڭىزلاردا ياشايدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ جەنۇبىي دېڭىز ياقىلىرىدىكى تۈرلىرى كۆپرەك. تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا مەملىكىتىمىزدىكى تۈرلىرىدىن 20 نەچچە خىلىنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە تىكەنلىك ترېپانگا (Stiohopus japonious) قارا ترېپانگا (Aotinopyga miliaris) مېيخۇا ترېپانگىسى (Thelenota ananas ) قاتارلىقلارنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى خېلى يۇقىرى.
Rate this entry

Same word in other sources

تىرىپانگا سىنىپىUyghurMain Dictionary

Related words

تۇپراق سىنىپىUyghurChineseتۇپراق سىنىپىUyghurChineseئۆز سىنىپىUyghurChineseسىناق تىپىUyghurChineseتىمساھ كەنجى سىنىپىUyghurChineseتىمساھ كەنجى سىنىپىUyghurChinese
← Search