Uyghur←ChineseMain Dictionary
ترېمېللا زەمبۇرۇغى
ئۆسۈملۈك
白耳
bái ěrDئۇنىۋېرسال
银耳
yín ěr
بىئولوگىيە
银耳
yíněr
ئاق ساڭراۋ قۇلاق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. زەمبۇرۇغلار تىپى، بازىدىيىلىك زەمبۇرۇغلار سىنىپى، ترېمېللا زەمبۇرۇغى ئائىلىسىگە كىرىدۇ. خالتىلىق سپورا تېنى توخۇ تاجى ياكى گۈلگە ئوخشايدۇ، تەركىبىدە كوللوئىد مول بولىدۇ، ئاق رەڭلىك يېرىم سۈزۈك، دىئامېترى تەخمىنەن 0 - 10 سانتىمېتر كېلىدۇ، قۇرۇتقاندىن كېيىن ئاچ سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. ھەر يىلى 7 - 10 ئايلاردا يېرىم ئۆلگەن ياكى قۇرۇپ كەتكەن دۇپ دەرىخى، سۆگەت، تېرەك، يىپەك ئاكاتسىيىسى، سەندەل دەرىخى، كاشتان دەرىخى، ساپىئۇم دەرىخى، زەرەڭ دەرىخى، شاپتۇل دەرىخى، ئېرەن دەرىخى، ئەبنۇس دەرىخى، ئۈجمە دەرىخى قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق كەڭ يوپۇرماقلىق دەرەخلەردە ئۆسىدۇ، مۆتىدىل، نەم، ھاۋا ياخشى ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ئورۇننى خالايدۇ. خۇبېي، شەنشى، ئەنخۇي، جياڭسۇ، جياڭشى، خۇنەن، فۇجيەن، تەيۋەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، يۈننەن، سىچۇەن، گۇيجۇ، جياڭشى قاتارلىق ئورۇنلاردىن چىقىدۇ. كۆپ ھاللاردا سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۆستۈرۈلىدۇ. جۇڭگو تىبابىتىدە خالتىلىق سپورا تېنى دورا قىلىنىدۇ. تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق، مۇئەنەسنى كۈچەيتىش، ئۆپكىنى نەمدەش، تەرلىتىش، يۆتەلنى توختىتىش، ئۈچەينى نەمدەش، ئاشقازانغا مەنپەئەت قىلىش، يەلنى تولۇقلاش، ساغلاملاشتۇرۇش قاتارلىق رولى بار. ئاساسەن ئەمگەك قىلىشتىن بولغان ئاجىزلىق، يۆتەل، قان ئارىلاش بەلغەم تۈكۈرۈش، تۇغۇتتىن كېيىنكى ئاجىزلىق، ھەيز قالايمىقان كېلىش قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتە قۇۋۋەتلەندۈرگۈچى يېمەكلىك ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.