UyghurMain Dictionary
تېرىم
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەتىيازدا زىرائەتنى تېرىش _ ئېكىش ئىشى.
تېرىم بولمىسا، يىغىم بولماس. تېرىلغۇ ۋاقتى _ قاتىلاڭچىلىق ۋاقتى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
زىرائەت - ئېكىنىنى تېرىش - تىكىش ئىشى.
يىغىم، ئورما
پىشقان زىرائەت - ئېكىننى ئورۇپ يىغىۋېلىش ئىشى.
تېرىم بولمىسا، يىغىم بولمايتتى. دېھقانلارغا ئارام يوق، تېرىم تۈگىسە يىغىم باشلىنىدۇ. ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلاندى.
ئورمىنى تولا ئورساڭ،
تالمامدۇ بىلەكلىرىڭ.
مەن يادىڭغا چۈشكەندە،
كۆيمەمدۇ يۈرەكلىرىڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. ھەيدەش - تېرىش ئىشى، تېرىلغۇ.
ئەتىيازلىق تېرىم باشلانغاندا، بۇ لاپقۇتلىشىش گۇرۇپپىسى يەنە يەتتە ئائىلىگە كېڭەيدى.
سۈپ. تېرىلغۇ ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان.
تېرىم يەر.
ئى. مەھسۇلاتلارنى بىر - بىرلەپ تېرىپ، يىغىش ئىشى.
پاختا تېرىمىدا خوتۇن - قىزلار تولىمۇ ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ.
پەيزىۋات ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ ۋە يوپۇرغا ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى.