Uyghur←ChineseMain Dictionary
تىركە
بىئولوگىيە
马陆
mǎlù
<مىڭئاياغ> قاتارلىق ناملار بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ. كۆپ پۇتلۇقلار سىنىپى، دىپلوپودالار كەنجى سىنىپىغا مەنسۇپ. ئۇنىڭ تېنى سەل يېسسى ئۇزۇن تۇرۇبا شەكىللىك، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 35 مىللىمېتىر، تۇتۇق قوڭۇر رەڭ، دۈمبە تەرىپىنىڭ ئىككى يېنى ۋە پۇتلىرى قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك. ئاددىي كۆزلىرى يىغىلىپ توپلاشقان. ئانتېننىسى بىر جۈپ، ئېغىز ئاپپاراتى بىر جۈپ چوڭ تاڭلاي ۋە بىر جۈپ كىچىك تاڭلايدىن تۈزۈلگەن. گەۋدە قىسمىنىڭ ئالدىنقى تۆت بوغۇمى كۆكرەك قىسمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ بىرىنچى بوغۇمى باش قىسمىغا قوشۇلۇپ كەتكەن، پۇتلىرى يوق. 2 ~ 4 - بوغۇملىرىنىڭ ھەر بىرسىدە بىر جۈپتىن پۇتى، بىر جۈپتىن ھاۋا تۆشۈكى بولىدۇ، بەشىنچى بوغۇمىدىن باشلاپ قورساق قىسمى دېيىلىپ، ھەر بىر بوغۇمىدا ئىككى جۈپتىن پۇتى، ئىككى جۈپتىن ھاۋا تۆشۈكى بولىدۇ، شۇڭا <ھەسسىلەنگەن پۇتلۇقلار> (دىپلوپودا) دەپ ئاتالغان. تىركىنىڭ سېسىق بېزى بولۇپ، تەن بوغۇمىنىڭ ئىككى يېنىغا ئېغىز ئاچقان ھەمدە ئېگىلگەن بوغۇم سانى تۈرىگە قاراپ ئوخشاشمايدۇ، يىرگىنچلىك سېسىق پۇراق چىقىرالايدۇ. يەككە جىنسلىق، بىر جۈپ كۆپىيىش تۆشۈكى ئىككىنچى جۈپ پۇتىنىڭ تۈۋىگە جايلاشقان. ئۇ نەم تېرىلغۇ يەرلەردە ياكى نەم - سالقىن ئورۇنلاردىكى تاشلارنىڭ ئاستىدا ۋە ئوتلاقلاردا ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، ھەرىكىتى ئاستا، دائىم توپلىشىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۇزۇقى ئاساسەن چىرىگەن ئۆسۈملۈكلەر بولۇپ، بەزىدە زىرائەتلەرگىمۇ زىيان سالىدۇ. ئۇ مەملىكىتىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقالغان.