UyghurMain Dictionary
تىرىك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جېنى بار؛ ئۆلۈكنىڭ تەتۈرى، ئانتونىمى.
تىرىكى بىرنى ئۆلتۈرسە، ئۆلۈكى مىڭنى ئۆلتۈرۈپتۇ. ئۆلۈك قەبرىسىز بولماس، تىرىك پاناھسىز. تىرىكىدە ۋاي داد، ئۆلۈكىدە پەرياد. ھايات چېغىمدا تىللىما، ئۆلگەن ۋاقتىمدا يىغلىما.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۆلمىگەن، ياشاش - ئۆسۈش پائالىيىتىنى يوقاتمىغان، ھايات.
ئۆلۈك، مۇردا، جەسەت، مېيىت، تاپ
ئۆلگەن ئادەم ۋە ھايۋاننىڭ جانسىز تېنى.
ئون ئۈلۈكتىن بىر تىرىك ئەلا. يولۋاسنىڭ ئۆلۈكى ئىتنىڭ تىرىكىدىن ئەلا. تىرىك بولۇپ ساندا يوق، ئۆلۈك بولۇپ گۆردە. تىرىك ئىززەتكە تويماس، ئۆلۈك دۇئاغا. تىرىكىم بىرنى ئۆلتۈرەر، ئۆلۈكۈم ئوننى. ئۆلۈككىمۇ ئۈچ كۈن سۆز، تىرىككىمۇ ئۈچ كۈن سۆز. ئەخلاقسىز ئادەم تىرىك بولسىمۇ مۇردا. جەسەتتىن قورقما، ھەسەتتىن قورق. قاغىغا ئەگەشسەڭ تاپقا باشلاپ بارار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئۆلمىگەن، ياشاپ تۇرۇۋاتقان، جانلىق.
تىرىك مال. تىرىك بېلىق.
تىرىك بولساق بىر يەردە بىز، ئۆلۈك بولساق بىر گۆردە بىز (ماقال).
ئېقىپ تۇرىدىغان.
تىرىك سۇ. شال ئۇرۇقى چېچىلىپ، تىرىك سۇ بېرىلىدىغان چاغدا ئۆستەڭدە سۇ بولمىدى.
ئېزىلىپ كەتمىگەن.
پولۇنىڭ سەۋزىسى خېلى تىرىك چىقىپتۇ.
جۇشقۇن، تېتىك، جانلىق.
ئوغلىڭىز خېلى تىرىك، چېچەن بالا بوپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
كىچىك نەرسىنىڭ چوڭ قاتتىق نەرسىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈشى، ئۇرۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز.
شىرە ئۈستىدە <تىرىك> قىلغان ئاۋاز ئاڭلىنىپ قالدى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ھاياتىي كۈچكە تولغان، ھاياتلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان.