Uyghur←ChineseMain Dictionary
ترىيانون سۈلھ شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
特里亚农和约
tè lǐ yà nóng hé yuē
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئانتانتا دۆلەتلەر بىلەن ۋېنگرىيە تۈزگەن سۈلھ شەرتنامىسى. 1920-يىل 6-ئاينىڭ 4-كۈنى فرانسىيىنىڭ ۋېرسال شەھىرىدىكى تىرىيانون سارىيىدا ئىمزالانغان، شەرتنامە بويىچە، سلوۋېنسكو بىلەن كارپاتىئاننىڭ ئوكرائىنا رايونى چېخوسلوۋاكىيىگە ئايرىپ بېرىلگەن؛ كروتىيە، سلوۋېنىيە، باچكا ۋە باناتىنىڭ غەربى يۇگوسلاۋىيىگە بۆلۈپ بېرىلگەن؛ ترانسىلۋانىيە بىلەن باناتىنىڭ شەرقى رومىنىيگە ئايرىپ بېرىلگەن، بۇرگېنلان ئاۋسترىيىگە بۆلۈپ بېرىلگەن، دوناي دەرياسىنى ئۇرشتا غەلىبە قىلغان دۆلەتلەر تىزگىنلىگەن. ئەسكىرى 30 مىڭ ئادەم بىلەن چەكلەنگەن. مەزكۇر سۈلھ شەرتنامە ۋېنگرىيىنى 70 پىرسەنتكە يېقىن زېمىنىدىن ۋە تەخمىنەن 50 پىرسەنت ئاھالىسىدىن مەھرۇم قىلغان.