Uyghur←ChineseMain Dictionary
تېرە سەزگۈسى
پسىخولوگىيە
肤觉
fū jué
بۇ جىسمنىڭ مېخانىك ئالاھىدىلىكى بىلەن تېمپېراتورا ئالاھىدىلىكىنى پەرقلەندۇرۇش سەزگۈسىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنىڭغا تېگىشنى سېزىش، تېمپېراتورىنى سېزىش ۋە تېرىنىڭ ئاغرىشىنى سېزىش قاتارلىقلار كىرىدۇ. تېرە سەزگۈسىگە خېلى ئۇزۇن مەزگىلىگىچە ئاددىي سەزگۈ يەنى تېگىشنى سېزىشتىن ئىبارەت دەپ قارىلىپ كەلگەن ئىدى، 1882 - يىلدىن 1897 - يىلىغىچە ۋاقىت جەريانىدا، شۋېتسارىيىلىك بلىكس گېرمانىيىلىك گولدجېدېر ۋە ۋون فرېيلار تېرىدە تەگكەننى سېزىش نۇقتىسى، سوغۇقنى سېزىش نۇقتىسى، ئىسسىقنى سېزىش نۇقتىسى ۋە ئاغرىقنى سېزىش نۇقتىسى بارلىقىنى تاپتى. ئېكسپېرىمېنتال تەجرىبىلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە، تېرىدىكى سېزىشچانلىق نۇقتا (ياكى غۇندەك) ھالىتىدە جايلاشقان ئىكەن. ئەنە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تېرە سەزگۈسى تېگىش سەرگۈسى، سوغۇق سەرگۈسى، ئىسسىقلىق سەرگۈسى، ئاغرىق سەرگۈسى بولۇپ تۆت خىل ئاساسىي سەرگۈگە بۆلەندى. بۇ تۆت خىل تېرە سەزگۈلىرى كىشى بەدىنىگە بىردەك تارقالمىغان. ئومۇمەن ھەر بىر كۋادرات سانتىمېتىرغا 25 تېگىشنى سېزىش نۇقتىسى، 10 -15 گىچە سوغوقنى سېزىش نوقتىسى، بىردىن ئىككىگىچە ئىسسىقنى سېزىش نوقتىسى، 100 دىن 200 گىچە ئاغرىقنى سېزىش نوقتىسى جايلاشقان. ئاغرىقنى سېزىش نوقتىسى تېگىشنى سېزىش نوقتىسىدىن كۆپ، سوغوقنى سېزىش نوقتىسى ئىسسىقنى سېزىش نوقتىسىدىن كۆپ بولىدۇ. سىلىق تېرە بىلەن تۈكلۈك تېرىنىڭ سېزىمچانلىقىدا پەرق زور بولمايدۇ.