Uyghur←ChineseMain Dictionary
ترېد - يۇنئونىزم
دۇنيا تارىخى
工联主义
gōng lián zhǔ yì
ئىشچىلار ئۇيۇشمىچىلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى بۇرژۇئازىيە ئىسلاھاتچىلىق پىكىر ئېقىمى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئالدى بىلەن ئەنگلىيە ئىشچىلار بىرلەشمىسىدە شەكىللەنگەن. شۇ چاغدا، ئەنگلىيە بۇرژۇئازىيىسى كۈندىن - كۈنگە يۈكسىلىۋاتقان ئىشچىلار ھەرىكىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن، ئىشچىلار ئىچىدىكى ئاز سانلىق يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنى يۇقىرى مائاش بىلەن ئۆزىگە تارتىپ، ئۇلار بۇرژۇئازىيە مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان ئىشچى ئاقسۆڭەكلەرگە ئايلاندۇرۇپ، ئىشچىلار ئاممىسىغا ئىسلاھاتچىلىقنىڭ زەھىرىنى تارقىتىپ، ئىشچىلارنىڭ ئويغىنىشىغا ۋە ئىنقىلابىي كۈرەشنىڭ راۋاجلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنغان. ترېد - يۇنئونىزم - ئەنگلىيە بۇرژۇئازىيىسىنىڭ سېتىۋېلىش سىياسىتى بىلەن لىبېرالىزم سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى، شۇنداقلا ئىشچىلار بىرلەشمىسى رەھبەرلىرى ئىجرا قىلغان ئوڭ ئاغمىىچلىق لۇشيەنىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. ئۇنىڭ ئلاھىدىلىكى مۇنداق: ئىشچىلار سىنىپىنىڭ كۈرىشىنى تر ئىقتىسادىي كۈرەش دائىرىسىدە چەكلەپ قويۇپ، ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ بىردىنبىر نىشانى پەقەت كاپىتالىستىك تۈزۈمنى قوغداش شەرتى ئاستىدا ئىشچىلانىڭ كۆز ئالدىدىكى ئىقتىسادىي مەنپەئىتىنلا ياخشىلاپ، ئىش ھەققىنى كۆپەيتىش ۋە ئىش ۋاقتىنى قىسقارتىشنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت دەپ ھېسابلاش < بىر كۈن ھەققانىي خىزمەت قىلىپ، بىر كۈنلۈك ئادىل ئىش ھەققىگە ئىگە بولۇش كېرەك> دېگەننى تەرغىپ قىلىش، سىنىپىي مۇرەسسەچىلىكنى كۆككە كۆتۈرۈپ، بۇرژئازىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنى ۋە كاپىتالىستلاr بىلەن مەسلىھەتلىشىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىشچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاشنى تەشەببۇس قىلىش، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئومۇمىي سايلام ھوقۇقىنى ۋە ئەمگەك قانۇنىنى چىقىرىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشقىلا قوشۇلۇپ، كاپىتالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇش يولىدىكى سىياسىي كۈرەشنى ۋە زورلۇق ئىنقىلابىنى ئېلىپ بېرىشقا قارشى تۇرۇش. ترېد - يۇنئونىزم پىكىر ئېقىىنىڭ غەربىي ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى تەسىرى بىر قەدەر زور. ئۇدگېر (1820 - 1877)، بېرت (1837 - 1922) قاتارلىقلار ئۇنىڭ ۋەكىلى ئىدى. بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال مەزەىلىدە ماركس ئەنگلاىيىنىڭ ترېد - يۇنئونىزمچىلىرىغا قارشى قەتئىي كۈرەش ئېلىپ بارغان.