Uyghur←ChineseMain Dictionary
ترانسپوزون
ئۇنىۋېرسال
转位子(转座子)
zhuǎn wèi zi (zhuǎn zuò zi )
بىئولوگىيە
转座子
zhuǎnzuòzi
خروموسوما ئۈستىدىكى ئورۇن يۆتكىيەلەيدىغان گېن ياكى DNA بۆلىكى. ئالدى بىلەن باكتېرىيىلەردە گېن ياكى DNA بۆلەكلىرى خروموسومنىڭ بىر جايىدىن يەنە بىر جايىغىچە سۈرۈلگەنلىكى ياكى خروموسومدا، ۋىرۇسلار بىلەن پلاسمىدلار ئارىسىدا سۈرۈلگەنلىكى بايقالغان. سۈرۈلۈپ باشقا بىر ئورۇنغا چۈشكەن ياكى قىسىلىپ كىرگەن DNA بۆلىكى قىسىلىپ كىرگۈچى قاتارى ياكى ئورۇن يۆتكىگەن تەركىبى (ئورۇن يۆتكىگەن فاكتور) دەپ، تەركىبىدە ئانتىبىئوتىكقا قارىشىلىقى بولغان گېننىڭ سەل چوڭ بۆلىكى ئورۇن ئالماشقۇچ دەپ ئاتىلىدۇ. ترانسىپوزون دائىم بىر ياكى بىر قانچە گېننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ترانسپوزون ياكى ئورۇن يۆتكىگۈچى تەركىبلەر كۆممىقوناق ۋە مېۋە چىۋىندە بايقالغانىدى. يېقىنقى تەتقىقاتلاردا تېخىمۇ ئىسپاتلاندى ۋە ئادەم بىلەن ئېمىتكۈچى ھايۋانلارنىڭ گېن گۇرۇپپىسىدىمۇ بايقالدى.