Uyghur←ChineseMain Dictionary
ترانسىلۋانىيە دېھقانلار قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
特兰西瓦尼亚家民起义
tè lán xī wǎ ní yà jiā mín qǐ yì
1784 - 1785 - يىللىرى ترانسىلۋانىيىدىكى رومىنىيە دېھقانلىرى بىلەن ۋېنگرىيە دېھقانلىرى ئاۋسترىيە ھابىسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە ۇلىمىغا قارشى كۆتۈرگەن قوزغىلاڭ. ئاساسىي رەھبىرى ھورېئا (1735 - 1785) قاتارلىقلار، شۇڭا ھورېئا قوزغىلىڭى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1784-يىلى 1-ئايدا، قوزغىلاڭ ئالدى بىلەن مېستىياېن كەنتىدە پارتلىغان ۋە ناھايىتى تېزلا زالاند رايونى ۋە خۇنېدوئارا قاتارلىق ناھىيىلەرگە كېڭەيگەن. قوزغىلاڭچىلار يەرلەرنى تەڭ تەقسىم قىلىپ بېرىش، ھوقۇقتا باراۋەر بولۇش دېگەنگە ئوخشاش تەلەپلەرنى قويغان. كېيىن ئاۋسترىيە كورۇلى ئەسكەر ئەۋەتىپ قوزغىلاڭچىلارغا ھۇجۇم قىلغان. 12-ئايدا قوزغىلاڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان. ياندۇرقى يىلىنىڭ باشلىرىدا ئىمپېرىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن پاجىئەلىك تۈردە باستۇرۇلغان، 2-ئايدا ھورېئا ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ ئاۋسترىيە كورۇلى خۇسېف Ⅱ نىڭ 1785-يىلىدىكى <ئىسلاھاتى> نى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنى كۆچۈش ۋە كەسىپ تاللاش ئەركىنلىكىگە، شۇنىڭدەك كۆچمە مۈلكىنى ئەركىن ئىدارە قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلغان.