Uyghur←ChineseMain Dictionary
ترايان
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
特拉扬
tè lā yáng
دۇنيا تارىخى
图拉真
tú lā zhēn
(مىلادى 52 ياكى 53 ـ 117) قەدىمكى رىم پادىشاھى (98 - 117). ئىسپانىيىدىكى ئىتالىكادا تۇغۇلغان. ھەربي سەپكە كىرىپ، شەرق ۋە گېرمانىيىگە قىلىنغان ھەربىي يۈرۈشلەرگە قاتناشقان. مىلادى 91-يىلى كونسۇل بولغان، 97-يىلى يۇقىرى گېرمانىيە باش ۋالىيىسى بولغاندا پادىشاھ نېرۋا ئۇنى ئاسراندى ئوغۇل قىلىۋالغان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلىدە مالىيەنى ئىسلاھ قىلغان، كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ، يول، پورت ۋە شەھەر قاتارلىقلارنى ياساتقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتىپ، زېمىنىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتكەن. 101 - 106-يىللىرى، داكىيە (ھازىرقى رومىنييە ئەتراپلىرى) گە ئىككى قېتىم بېسىپ كىېرىپ، ئىستېلا قىلغاندىن كېيىن مەمۇرىي ئۆلكە تەسىس قىلغان؛ غەلبىسىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن رىم شەھىرىدە مىسلىسىز كۆلەمدە چېلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئورناتقان <تۆھپە خاتىرە تۈۋرۈكى> ھازىرغىچە ساقلانماقتا. 113-يىلى شەرققە يۈرۈش قىلىپ ئەرمېنىيىنى ئىشغال قىلغان، جەنۇبتا تىگرىز دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پارفىيە (ئارساك)نىڭ پايتەختى كتېسفون (115) نى ئىشغال قىلغان، پارس قولتۇقىغا يېتىپ بارغان؛ بۇ مەزگىلدە رىم ئىمپېرىيىسى زېمىنى ئەڭ چوڭ بولغان. ئۇنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرى رايونىدا رىمغا قارشى قوزغىلاڭ پارتلىغان، قايتىش سەپىرىدە كىچىك ئاسىيادىكى كىلىكىيەدە ئۆلۈپ كەتكەن. ۋارىسى بولمىغاچقا، ھادرىئان پادىشاھ بولغان