UyghurMain Dictionary
تىپ
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
مەلۇم ئىجتىمائىي گۇرۇھتىكى كىشىلەرگە خاس خاراكتېرلىك خۇسۇسىيەتلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرگۈچى ئىندىۋىدۇئاللاشتۇرۇلغان شەخس ئوبرازى.
مەلۇم بىر تىپ يارىتىش ئۈچۈن، بىر تائىپىدىكى ناھايىتى نۇرغۇن كىشىلەرنى كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ماكسىم گوركىنىڭ پىكرىچە، شەنئەتكارنىڭ تەسەۋۋۇرى باي، ئويلاپ چىقىرىش قابىلىيىترى زور بولۇشى كېرەك. يازغۇچى ئۆزىگە تونۇش دۇكاندار، سودىگەر ياكى ئىشچى ئوبرازىنى يارىتىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ دۇكاندار، سودىگەر ۋە ئىشچىلارنى ئۆگىنىشى، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي، سىنىپىي قىياپىتىنى بەلگىلىگۈچى خاراكتېرلىك خۇسۇسىيەتلىرىنى، ئادەتلىرىنى ۋە باشقىلارنى بىر ئوبرازدا بېرىشنى بىىلىشى كېرەك.
لۇشۈننىڭ <ئاQ نىڭ ھەقىقىي تەرجىمىھالى> دېگەن ئەسىرىدىكى ئاQ كونا جەمئىيەتتىكى جۇڭگو دېھقانلىرىنىڭ ئەھۋالى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ يارىتىغان تىپ. زۇنۇن قادىرىنىڭ <چېنىقىش> ھېكايىسىدە كونا جەمئىيەتتە ئېزىلگەن نامرات كىشىلەرنىڭ يېڭى جەمئىيەت شارائىتىدا روناق تېپىپ ياراملىق، ھاياتنى قىزغىن سۆيىدىغان ئەمگەكچىلەرگە ئايلانغانلىقى مەتنىياز ئوبرازىدا ئەكىس ئەتكەن بولۇپ، ئۇ سوتسىيالىزىم قۇرۇۋاتقان مىڭلىغان يېڭى دېھقانلارنىڭ تىپى، ئۇ ئۆزىگە خاس ئىندىۋىدۇئال خاراكتېرىگە ئىگە.
ئەدەبىيات بىلىملىرى
روسىيىنىڭ ئۇلۇغ يازغۇچىسى نىكولاي ۋاسىليېۋىچ گوگول مۇنداق بىر ھېكايە ئاڭلىغان: بىر كىچىك ئەمەلدار بولغان ئىكەن. قۇشقاچ ئېتىپ ئويناشنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇ يېمەي - ئىچمەي تېجەپ، يەنە دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدىمۇ ئىشلەپ يۈرۈپ مىڭ تەسلىكتە ئازراق پۇل تېپىپ، ئوۋ مىلتىقى سېتىۋاپتۇ. ئەپسۇسكى، تۇنجى ئوۋغا چىققان كۈنىلا مىلتىقىنى يىتتۈرۈپ قويۇپتۇ. شۇنچە ئىزدەپمۇ تاپالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆيىگە قايتقاندا قىزىتمىسى ئۆرلەپ كېتىپتۇ. كەسىپداشلىرى بۇنى ئۇقۇپ پۇل يىغىش قىلىپ، ئوۋ مىلتىقىدىن بىرنى ئېلىپ بېرىپتۇ. ئۇنىڭ كېسىلىمۇ ئاستا - ئاستا ساقىيىپتۇ. بىراق، مىلتىقى يىتۈپ كەتكەن ئىش يادىغا يەتسىلا، چىرايى تاتىرىپ كېتىدىكەن.
گوگول بۇ ھېكايىگە قىزىقىپ قالغان. لېكىن، كىچىك ئەمەلدارنىڭ مىلتىقىنى يىتتۈرۈپ قويۇپ ئاغرىپ قېلىشى بىر تاسادىپىي ھادىسە، تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرىمايدۇ دەپ قارىغان. كېيىن ئۇ بۇ ۋەقەنى پىششىقلاپ، ئومۇملاشتۇرۇپ، تاۋلاپ، دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدىكى مەشھۇر ھېكايە »شىنىل«نى يېزىپ چىققان. ئەسەردە ئۇ كىچىك ئەمەلدارنى ئۇ يىلدىن بۇ يىلغا بىر ئورۇندا ئولتۇرۇپ كىتاب كۆچۈرىدىغان ئەڭ تۆۋەن تەبىقىدىكى بىر كىتاب كۆچۈرگۈچىگە ئۆزگەرتكەن. ئىشداشلىرى بۇ كۆچۈرگۈچىنى كۆزگە ئىلمايدۇ، مەسخىرە قىلىدۇ، ئۇنىڭ چىشىغا تېگىدۇ. ئۇ قىشتىن ئۆتۈۋېلىش ئۈچۈن، پۇل تېجەپ ئازراق پۇل قىلىپ شىنىل تىكتۈرىدۇ. ئۇ خۇشاللىقىدا شىنىلىنى كىيىپ كوچىغا چىققان كۈنى بۇلاڭچى بۇلاپ كېتىدۇ. ئۇ گېنېرالدىن شىنىلىنى تېپىشىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ دەشنەم يەپ قايتىدۇ. ئۇ سەنتۈرۈلگىنىچە ئۆيىگە كېلىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالىدۇ ۋە ئۇزاققا بارماي تىنىقتىن قالىدۇ. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، كېچىلەپ نۇرغۇن كىشىنىڭ، جۈملىدىن گېنېرالنىڭ شىنىلىنى سالدۇرۇۋالىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئاپتورنىڭ تىرىشىشى نەتىجىسىدە، باش قەھرىمان ھەم روشەن ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان، ھەم چار پادىشاھنىڭ ھاكىممۇتلەق، رەھىمسىزلىكىنى ۋە تۆۋەن تەبىقىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئوبرازغا ئايلانغان. ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە، زور ئىجتىمائىي ئەھمىيىتى بولغان مۇشۇنداق بەدىئىي ئوبراز »تىپىك ئوبراز«، قىسقارتىلىپ »تىپ« دېيىلىدۇ.
تىپ ئەسەر مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ بەلگىسى، ئەدەبىي ئوبرازلاردىكى تىپ خاسلىق بىلەن ئومۇملۇقنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى. بىرىنچىدىن، بۇ بەدىئىي ئوبراز جانلىق، ئىندىۋىدۇئاللىقى روشەن، تىرىك پېرسوناژ ئوبرازى بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، شېكېسپېر قەلىمىدە يارىتىلغان دانىيە شاھزادىسى ھاملېت، لۇشۈن قەلىمىدە يارىتىلغان ئا Q لار ھەم بىز كۈندە كۆرۈپ يۈرىدىغان، ھەم ئۇ بولۇشى ناتايىن كىشىلەر. شۇڭا، تىپىك پېرسوناژ ئوبرازى »تونۇش بولغان ناتونۇش كىشى« دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئىككىنچىدىن، تىپىك پېرسوناژ ئوبرازى يەنە ناھايىتى زور ئومۇملاشتۇرۇش كۈچىگە ئىگە بولۇشى، ئوقۇرمەنلەرنى بۇ ئوبرازلاردىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن كىشىلەرنى تونۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلالىشى كېرەك. مەسىلەن، ئا Q نى كۆرگەن كىشىلەر »روھىي غالىبىيەتچىلىك«نىڭ نېمىلىكىنى ئاڭقىرىپ، كىشىلەرنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلىۋالىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر بەزىدە ئۆز - ئۆزىدىن قانائەتلىنىپ يۈرىدىغان كىشىلەرنى »ئاQ« دەپ ئاتىشىدۇ. شۇنىڭدەك، بىز ھاملېت ئوبرازىنى كۆرگەندىن كېيىن،16 - ئەسىردىكى ياۋروپا گۇمانىزمچىلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلىۋالىمىز ۋە ئىش قىلىشتا ئارىسالدى بولىدىغان بىقارار كىشىلەرنى »ھاملېت« دەپ ئاتايمىز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<گرېكچە
ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان شەيئىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان تۈرى، نۇسخىسى.
قان تىپى. يېڭى تىپ.
ئۇلار ھەرقانچە قارا كۆڭۈل بولسىمۇ، بەرىبىر ئادەم تىپىغا كىرىدىغان بولغاچقا، بىرئاز ئويلىنىدىغاندۇر.
ئىجتىمائىي، كەسپىي، سىياسىي، ئەخلاقىي ۋە باشقا جەھەتلەردىكى بەلگىرى ئوخشىشىپ ياكى يېقىنلىشىپ كېتىدىغان كىشىلەر ۋەكىلى.
تېرىلغۇ تەييارلىقىدا مەيدانغا كەلگەن ئىلغار تىپلارنى تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى كېڭەيتىش لازىم.
>ئەد< مەلۇم ئىجتىمائىي گۇرۇھتىكى كىشىلەرگە خاس خاراكتېرلىك خۇسۇسىيەتلەرنى ئەكس ئەتتۈرگۈچى ئىندىۋىدۇئاللاشتۇرۇلغان بەدىئىي ئوبراز.
ئاساسلىق، روشەن ئالاھىدىلىكلىرى ئورتاق بولغان ئۆسۈملۈك ياكى ھايۋانلارنىڭ، بىرلەشتۈرۈپ يىغىنچاقلانغان بۆلۈنمىسى. مەسىلەن، ئىپتىدائىي ھايۋانلار تىپى. يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى قاتارلىقلار.