UyghurMain Dictionary
تېوتونلار
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى گېرمانلارنىڭ بىر تارمىقى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردە ئىلبا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىك دېڭىز بويلىرىغا تارقالغان بولۇپ، قەيسەر، ئۇرۇشقا ماھىر بولغان. ئۇلار ئەينى زاماندا ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى ھەربىي دېموكراتىيە تۈزۈمى باسقۇچىدا تۇرغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىرنىڭ كېيىنكى دەۋرىدە، قوشنىسى كىمبرېلار (يۇتلاندىيە يېرىم ئارىلىدا) بىلەن بىرلىشىپ جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرىلەپ، رىمنىڭ شىمالىي چېگرىسىغا بېسىپ كىرگەن، ئالىپ تاغلىرىنىڭ ئەتراپىدا رىم ئارمىيىسىنى ئۇدا مەغلۇپ قىلغان. مىلادىدىن 105 يىل ئىلگىرى رودان دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى (ناربون گاللىيە) رىم ئارمىيىسىنى ئېغىر چىقىمغا ئۇچراتقان. رىم ھۆكۈمرانلىرى چۆچۈپ، كونسۇل مارىئۇسنى ئەۋەتكەن. مىلادىدىن 102 يىل ئىلگىرى ئاكۇسېكىستې (مارسېلنىڭ شىمالىدا) دا، تېئوتونلار رىم ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان؛ ئىككىنچى يىلى كىمبرېلارمۇ (پۇ دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدا) مەغلۇپ بولغان. بۇ، رىم تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق گېرمانلار بىلەن ئېلىشىش. كېيىن تېوتونلار ئومۇمەن گېرمانلار (نېمىسلار) ۋە ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنى كۆرسىتىدىغان بولغان. توغرىسىنى ئېيتقاندا، تېوتونلار پەقەر گېرانلارنىڭ بىر گۇرۇپپىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.