UyghurMain Dictionary
توتېمغا چوقۇنۇش
دۇنيا تارىخى
ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ دەسلىپىدىكى دىن شەكىللىرىنىڭ بىرى. ئۇرۇقداشلىق جامائەسى بىلەن بىر ۋاقىتتا پەيدا بولغان .<توتېم>ئىندىئان تىلىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، <ئۇنىڭ ئۇرۇقى>دېگەن مەنىدە . بۇنىڭدا مەلۇم بىر ھايۋانات، ئۆسۈملۈك، تەبىئىي نەرسىلەر ياكى نەرسىلەر ياكى تەبىئەت ھادىسلىرى توتېم قىلىنىپ ئېتقادقىلىنغان، لېكىن ھايۋاناتلار كۆپرەك تۇتىم قىلىنغان؛ ئۇ مەلۇم بىر ھايۋانات، ئۆسۈملۈك ياكى تەبىئىي نەرسىلەرنىڭ يەككىسىنىلاكۆرسىتىپ قالماستىن، بەلكى بۇنداق نەرسە تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئىپتىدائىي ئادەملەر ئۆزىنىڭ تۇتېمى بىلەن ئۆز ئۇرۇقى ۋە قەبىلىسى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇق - تۇققانلىق مۇناسىۋىتى ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە مۇناسىۋىتى بار دەپ ھېسابلاپ، تۇتېمنى ئۆزىنىڭ ئەجدادى دەپ قارىغان ياكى ئۇنى ئۆز ئۇرۇقىنىڭ ئالاھىدە ھامىيلىق قىلغۇچى خۇداسى قىلىۋالغان ھەمدە ئۇنى دائىم ئۇرۇق ۋە قەبىلىنىڭ بەلگىسى ھەم نامى قىلىۋالغان. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى تۇتېمغا ئوبيېكت قىلىنغان ھەرخىل پەرھىز (ئۆلتۈرۈشنى مەنئى قىلىش، يېيىشنى مەنئى قىلىش، چېقىلىشنى مەنئى قىلىش) ۋە تۇتېمنىڭ سىمۋولى (<تۇتېم تۈۋرۈكى> ياكى رەسىمدىكى توتېم تىلسىمى) بولغان سىرلىق كۈچكە ئېتىقاد قىلىش ۋە نەزىر - چىراغ قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ. تۇتېمغا چوقۇنۇش ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى مەدەنىيەت - سەنئەت، تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرىگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن ھەم سىنىپىي جەمئىيەتكەداۋاملاشقان، مەسىلەن، قەدىمكى مىسىرنىڭ ھەرقايسى نوملىرىدىكى توتېمغا ئېتىقاد قىلىش ۋە چوقۇنۇش ئەنە شۇنى كۆرسىتىدۇ.