Uyghur←ChineseMain Dictionary
توسا ۋاسساللىقى
دۇنيا تارىخى
土佐
tǔ zuǒ
كوچى ۋاسسالى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ياپونىيە ئازۇچى موموياما دەۋرىدىن بۇيانقى مۇھىم بەگلىك ۋاسسال دۆلەتلەرنىڭ بىرى. يامائوچى بىرىنچى ئەۋلاد ۋاسسال (1546 - 1605) ئىدى. توسا بەگلىكىگە ھازىرقى كوچى ناھىيىسىنىڭ يەرلىرى بىۋاسىتە قارايدۇ. توكوگاۋا شوگناتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، ۋاسساللىق ھاكىمىيىتى ئۈستىدە پائال ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئەسكىرىي كۈچىنى زورايتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغان، كۈچلۈك ۋاسساللار بىلەن بىرلىشىش ھەرىكىتى پىلانلانغان؛ مەھكىمىنى ئاغدۇرۇش ھەرىكىتى ئەۋج ئېلىپ، مەھكىمە گۇمران بولاي دېگەن پەيتىدە، ئوردا بىلەن مەھكىمىنىڭ ھەمكارلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، مەھكىمىگە قارشى قوراللىق كۈچ بىلەن جازا يۈرۈشى قىلىش يولىنى تۇتۇشقا قارشى تۇرغان. مىجى يىلىدىكى يېڭىلىققا كۆچۈشتىن كېيىن، 1871-يىلى 11-ئايدا ئۇ كوچى ناھىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.