UyghurMain Dictionary
توساكا
دۇنيا تارىخى
(1900 - 1945) ياپونىيىلىك پەيلاسوپ. كيوتو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە فاكولتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئوتانى ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور، سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا لېكتور بولغان. دەسلەپتە يېڭى كانتىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، كېيىن ئاستا - ئاستا ماتېرىيالىزمغا مايىل بولغان. 1932-يىلى ماتېرىيالىزم تەتقىقات جەمئىيىتى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىپ، <ماتېرىيالىزم تەتقىقاتى> ناملىق ژۇرنالنى چىقارغان. 1938-يىلى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىدە ئۆلگەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق <ئىلىم - پەن توغرىسىدا>، <ياپونىيە ئىدېئولوگىيىسى توغرىسىدا>، <ھازىرقى زمانا ماتېرىيالىزمى توغرىسىدا نۇتۇق>، <بىلىش نەزەرىيىسى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. كېيىن 5 توملۇق <توساكا توپلاملىرى> چىقىرىلغان.