UyghurMain Dictionary
تور پەردە
پسىخولوگىيە
بۇ كۆز تور پەردىسى، ياكى كۆرۈش تور پەردىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تور پەردە كۆز ئالمىسىنىڭ نۇر سېزىش قىسمى بولۇپ، كۆز ئالمىسى تېمىنىڭ پۈتۈن ئىچكى يۈزىنى قاپلاپ تۇرىدۇ. ئۇ 0.5mm~0.1 قېلىنلىقتىكى تىنىق نېپىز پەردىدىن ئىبارەت. توقۇلما جەھەتتىن ئون قەۋەتكە بۆلۈنىدۇ، ئاساسەن ئۈچ قەۋىتى زىچ جايلاشقان ھۈجەيرىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان ئىككى سىناپسېنىڭ دەرەخسىمان ئۆسۈملۈكلىرى توپلىمى ۋە ئوقسىمان ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ گىرەلىشىپ كېتىشىدىن ھاسىل بولغان تورسىمان قاتلامدىن ئىبارەت. ئادەم كۆزىنىڭ تور پەردىسىنىڭ تۈزۈلۈشى مايمۇن، مۈشۈك قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ كۆز تور پەردىسىدىن ئاددى، تۆۋەن دەرىجلىك ئۇمۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭكىدىن تېخىمۇ ئاددى، چۈنكى تور پەردە ئىچىلىك ئۇچۇرنى( ئىنفورماتسىيىنى) بىر تەرەپ قىلىش ئىشى بىلەن تۈزۈلۈشى تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا چوڭ مېڭىگە ئۆتۈپ كەتكەن. تور پەردىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىدىكى بىر قاتلىمى تومۇرلۇق پەردىگە يېقىن بولۇپ، كولبىسىمان ھۈجەيرىلەر بىلەن تاياقچىسىمان ھۈجەيرىلەردىن تۈرۈلگەن. سىرتتىن كىرگەن نۇر تور پەردىگە كەلگەندە، ئاۋۋال تور پەردىنىڭ باشقا قاتلاملىرىدىن ئۆتۈپ ئەڭ ئاخىرىدا كولبىسىمان ھۈجەيرىلەر بىلەن تاياقچىسىمان ھۈجەيرىلەرگە يېتىپ بارىدۇ. كولبىسىمان ھۈجەيرىلەردە سۆسۈن، كۆك رەڭلەرنى كۆرسىتىدىغان نۇر سەزگۈچ پېگمېنت بولۇپ، كۈچلۈك نۇردا جىسىملارنى ئېنىقراق پەرق ئېتىدۇ. نەتىجىدە رەڭ سەزگۈسىنى پەيدا قىلىدۇ. تاياقچىسىمان ھۈجەيرىلەردە سۆسۈن، قىزىل رەڭنى سېزىدىغان پېگمېنت بولۇپ، ئاجىز نۇرنى سېزىدۇ. ئادەم كۆزىنىڭ تور پەردىسىدە 130 مىليونغا يېقىن تاياقچىسىمان ۋە يەتتە مىليونغا يېقىن كولبىسىمان ھۈجەيرە بار. لېكىن بۇلار تور پەردىگە تەكشى جايلاشقان ئەمەس. مەركىزىي ئورەكچىدە (كۆرۈش بۇلۇڭىنىڭ ′20° 1 جايىدا) 4000 دانىچە كولبىسىمان ھۈجەيرە بار. سىرتقى دائىرىگە يېقىنلاشقانسېرى كولبىسىمان ھۈجەيرىلەر شالاڭلىشىدۇ، تور پەردىنىڭ چېتىگە بارغاندا يالغۇز تاياقچىسىمان ھۈجەيرىلا قالىدۇ. تاياقچىسىمان ھۈجەيرىنىڭ زىچلىقى كۆرۈش ئوقىنىڭ °20 لىق جايىدا ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ. بۇ ئادەمنىڭ خىرە يورۇقلۇقتا كۆرۈش سەزگۈرلۈكى ئەڭ يۇقىرى بولىدىغان ئورۇن. بۇ ئورۇندىن مەيلى ئىچكى تەرەپكە ياكى سىرتقى تەرەپكە قاراپ يىراقلاشقانسېرى تاياقچىسىمان ھۈجەيرە شالاڭلىشىپ بارىدۇ. دېمەك، تور پەردىنىڭ ھەر قايسى ئورۇنلىرىنىڭ كۆرۈش روشەنلىكى بىر خىل بولمايدۇ. ئەگەر بىز مەركىزىي ئورەكچىنىڭ كۆرۈش روشەنلىكىنى «1» دەپ ھېسانلىساق، سېرىق داغ چۆرىسىدىكى (°2.5 جايىدا) كۆرۈش روشەنلىكى 0.5 گە چۈشۈپ قالىدۇ. مەركىزىي ئورەكچىدىن °7.5 يىراقلىقتىكى جايىدا 0.25 كە، ئەڭ چەتتە بولسا 0.025 كە چۈشۈپ قالىدۇ. تور پەردىنىڭ ئارىلىق قاتلىقى ئىككى قۇتۇپلۇق ھۈجەيرىلەر قاتلىمى بولۇپ، ئەينەكسىمان جىسىمغا يېقىن قاتلىمى نېرۋا تۈگۈنى ھۈجەيرىلىرى قاتلىمىدىن ئىبارەت. نېرۋا تۈگۈنى ھۈجەيرىسىنىڭ ئوقسىمان ئۆسۈكى تور پەردىنىڭ توپچىسىمان جايىدا ( مەركىزىي ئورەكچىدىن 4mm يىراقلىقتىكى بۇرۇننىڭ يان تەرىپىدە) توپلىنىپ، كۆرۈش تالالىرى باغلىمىنى ھاسىل قىلىپ، كۆز ئالمىسىنىڭ ئارقا تېمىغا بارغاندا كۆرۈش نېرۋىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. توپچىسىمان جايىدا كولبىسىمان ھۈجەيرىمۇ، تاياقچىسىمان ھۈجەيرىمۇ يوق بولۇپ، بۇ ئورۇن كور داغ دەپ ئاتىلىدۇ. كور داغ تور پەردىسىنىڭ ئەڭ قېلىن جايى بولۇپ، چەت ياقىغا بارغانسېرى نېپىزلىشىدۇ. 20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدىن بۇيان بەزىلەر كولبىسىمان ھۈجەيرىنىڭ ئۈچ خىلىنى يەنى قىزىل كولبىسىمان ھۈجەيرە، يېشىل كولبىسىمان ھۈجەيرە ۋە كۆك كولبىسىمان ھۈجەيرە بارلىقىنى تاپتى. يەنە تور پەردىنىڭ نېرۋا تۈگۈنى ھۈجەيرىسىدە تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى بارلىقىنى مەسىلەن: تەرەپنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى، بۇلۇڭنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى، سىزىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتى، گىرۋەك بىلەن دائىرىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى، يۆتكىلىشنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى بارلىقىنىمۇ تاپتى. كولبىسىمان ھۈجەيرىلەر بىلەن تاياقچىسىمان ھۈجەيرىلەرنىڭ نۇر سىگنالىنى قانداق قىلىپ رېتسېپتور پوتېنسئالىغا ئايلاندۇرۇپ، نېرۋا تۈگۈنى ھۈجەيرىلىرىگە يوللىغاندىن كېيىن، يەنە قانداق قىلىپ ئىمپولىس شەكلىدىكى (تومۇر سوقۇش شەكلىدىكى) نېرۋا ئىمپولسىغا ئايلاندۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار يېقىندىن بۇيان خېلى زور ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتى. يۇقىرىقىلاردىن نېپىزگىنە تور پەرىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە رولىنىڭ خېلى مۇرەككەپلىكىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ.