Uyghur←ChineseMain Dictionary
تورمۇزلاش رولى
بىئولوگىيە
抑制作用
yìzhìzuòyòng
ئېنزىم ئاقسىلىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئېنزىمنىڭ ئاكتىپلىقىنى يوقىتىش ئاكتىپلىقىنى يوقىتىش رولى دېيىلىدۇ. ئېنزىم ئاقسىلىنى ئۆزگەرتمەستىن ئېنزىمنىڭ ئاكتىپلىقىنى تۆۋەنلىتىش رولى تومۇزلاش رولى دەپ ئاتىلىدۇ. تورمۇزلاش رولىغا ئىگە بولغان ماددىلار تورمۇزلىغۇچى بولىدۇ. تورمۇزلاش رولى قايتماس ۋە قايتما بولىدۇ. قايتا تورمۇزلىغۇچىلار ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ: (1) رىقابەتلىك تورمۇزلىنىش رولى، بۇ تۈردىكى تورمۇزلىغۇچىلار (1) نىڭ تۈزۈلۈشى ئاساسىي ماددا (S) غا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئېنزىم مولېكۇلىسىدىكى ئوخشاش ئورۇنغا نىسبەتەن ئاساسىي ماددا بىلەن رىقابەتلىشىپ ئېنزىم بىلەن بىرىكىپ ]EI[ كومپلېكىس بىرىكمىسىنى ھاسىل قىلىدۇ، لېكىن ھاسىلات (P) غا پارچىلانمايدۇ، شۇڭلاشقا ئېنزىملىق رېئاكسىيە تېزلىكى تۆۋەنلەيدۇ، مەسىلەن، مالون كىسلاتاسىنىڭ سۇكسىنىل دې گىدروگىنازىنى تورمۇزلىنىشى مۇشۇ خىلغا كىرىدۇ. (2) رىقابەتسىز تورمۇزلىنىش رولى، ئاساسىي ماددا، تورمۇزلىغۇچى، ئېنزىم بىلەن بىر ۋاقىتتا بىرىكىپ ھاسىل بولغان ]EIS[ كومپلېكس بىرىكمىسى بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارچىلىنىپ ھاسىلاتقا ئايلانمايدۇ - دە، شۇنىڭ بىلەن ئېنزىمنىڭ ئاكتىپلىقى تورموزلىنىدۇ، مەسىلەن، لېئوتسىن، ئارگىنىنىازىنى تورمۇزلايدىغان بىر خىل رىقابەتسىز تورمۇزلىغۇچىدۇر. (3) ئانتى رىقابەتلىك تورمۇزلاش رولى: بۇنىڭدا ئېنزىم پەقەت ئاساسىي ماددا بىلەن بىرىككەندىن كېيىن ئاندىن تورمۇزلىغۇچى بىلەن بىرىكەلەيدۇ.
ماشىنىسازلىق,پارقازان، بېسىملىق باك
制动作用
zhì dòng zuò yòng