UyghurMain Dictionary
توقۇناق
شىۋىلەر
تۈگۈن؛ ياغاچ ئىلمەك (ئۇلاققا ئارتىلغان يۈكنى تاڭىدىغان ئارغامچىنىڭ ئۇچىغا بېكىتىلگەن يېرىم ھالقا شەكىللىك ياغاچ ئىلمەك). «توقۇناق بالا، ئىلمەك قازا» دېگەن ماقال مۇشۇ سۆزدىن كېلىپ چىققان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئات - ئۇلاغ، ھارۋىلارغا ئارتىلغان ئارغامچىنىڭ ئۇچىغا چىگىلگەن ئىلمەك ياغاچ.
ئوتۇنچى ئورنىدىن تۇرۇپ، بىر ئۇچىى ياغاچ توقۇناققا چىگىلگەن كونا ئارغامچىنى قولتۇقىغا قىستى.
كۆچمە. ئورۇنسىز يامان قىلىپ كۆرسىتىلگەن تەرەپ، بەتنام.
خالىق ساقى ئۇنىڭغا <ئەكسىلئىنقىلابچى تۇغقىنى بار ئىكەن> دېگەن توقۇناقنى ئارتىپ قويماي دەپ ئويلىدى.
كۆچمە. كۆڭۈلدە ساقلىغان غۇم، يامان نىيەت.
ئۇنىڭ قورسىقىنىڭ توقۇنىقى بار.