Uyghur←ChineseMain Dictionary
توقۇلمىلارنىڭ ئۆز ئارا سىغىشچانلىق ئانتىگېنى
بىئولوگىيە
组织相容性抗原
zǔzhīxiāngróngxìngkàngyuán
كۆچۈرۈش ئانتىگېنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ يادرولۇق ھۈجەيرىلىرىنىڭ يۈزىدە بولىدىغان، كۆچۈرۈلمىنى چەتكە قېقىش تەسىرىنى پەيدا قىلىدىغان ئانتىگېن. ئادەم ۋە ھايۋانلاردا كۆپ خىل توقۇلمىلارنىڭ ئۆز ئارا سىغىشچانلىق ئانتىگېنى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ كۆچۈرۈلمىنى چەتكە قېقىش تەسىرى كۈچلۈك، بەزىلىرىنىڭ ئاجىز بولىدۇ. ئومۇمەن، كۈچلۈك چەتكە قېقىش تەسىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئانتىگېن ئاساسلىق توقۇلمىلارنىڭ ئۆز ئارا سىغىشچانلىق ئانتىگېن سىستېمىسى، ئاجىز چەتكە قېقىش تەسىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئانتىگېن ئاساسلىق بولمىغان توقۇلمىلارنىڭ ئۆز ئارا سىغىشچانلىق سىستېمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار ئىرسىيەتنىڭ تىزگىنلىشىگە ئۇچرايدۇ. سىفىر ئاساسلىق توقۇلمىلارنىڭ ئۆز ئارا سىغىشچانلىق ئانتىگېننىڭ گېن گۇرۇپپىسى بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ، بۇ باغلىنىشلىق گېن توپى ئاساسلىق توقۇلمىلارنىڭ ئۆز ئارا سىغىشچانلىق سىستېمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ توشۇغۇچىسى ئىنسانلاردا 6 - جۈپ خروموسومدا، كىچىك چاشقاندا 17 - جۈپ خروموسومدا بولىدۇ. ئىنسانلاردىكى ئاساسلىق توقۇلمىلارنىڭ ئۆز ئارا سىغىشچانلىق سىستېمىسى يەنى ئىنسانلار ئاق قان ھۈجەيرە ئانتىگېنى دەپ ئاتىلىدۇ. ئىنسانلاردىكى HLA ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ پەردىسىدىلا بولۇپ قالماستىن بەلكى باشقا يادرولۇق ھۈجەيرىلەرنىڭ پەردىسىدىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ لىمغا ھۈجەيرىلىرىنىڭ پەردىسىدىكى قويۇقلۇقى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ، ئۇنىڭ لىمغا ھۈجەيرىلىرىنىڭ پەردىسىدىكى قويۇقلۇقى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ، يەنە كېلىپ، لىمفا ھۈجەيرىلىرىنى ئەتراپ قان ئايلىنىشىدىكى قاندىن ئاسان ئايرىۋالغىلى بولىدۇ. شۇڭا توقۇلمىلارنىڭ ئۆز ئارا سىغىشچانلىق ئانتىگېنى لىمفا ھۈجەيرىلىرى ئارقىلىق تەتقىق قىلىنىدۇ.