UyghurMain Dictionary
توپلىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تارقاق، چېچىلاڭغۇ نەرسىلەرنى بىر يەرگە كەلتۈرمەك.
ئالتۇن يىققاندىن بىلىم توپلىغان ئەلا. ساندۇققا ئالتۇن يىققۇچە، قورساققا بىلىم يىغ. ئوغرىلاپ مال توپلاشنى بىلگەن داردا ئىغاڭلاشنىمۇ بىلەر. ئادەمدىن يۇقىرى تۇرىدۇ ئالەم، بىلىم توپلىماققا موھتاجدۇر ئادەم.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
چېچىلاڭغۇ، تارقاق نەرسىلەرنى بىر يەرگە كەلتۈرمەك، جەملىمەك.
چاچماق، تارقاتماق
يىغىق، توپ نەرسىلەرنى ھەر يەر - ھەر يەرلەرگە بۆلۈۋەتمەك، پۈركىمەك.
ئاتا - ئانا چۈمۈلىدەك يىغىدۇ، بالا توخۇدەك چاچىدۇ. يىغساڭ كۆپ، ئۆلچىسەڭ ئاز. تۇغماس خوتۇن شۈمەك يىغىپتۇ. يېمەي - ئىچمەي توپلىغان، توپلىغاننى سېسىتار. يېمەي يىغقاننىڭ يېگۈچىسى چىقار، كىيمەي توپلىغاننىڭ كىيگۈچىسى. كوچىغا سۇ چېچىپ، سۈپۈرۈپ تۇرۇش مەدەنىيەتلىكنىڭ بىر بەلگىسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
تارقاق نەرسىلەرنى بىر يەرگە يىغماق، جەملىمەك.
ئۇ چېچىلىپ كەتكەن ئالمىلارنى تېرىپ بىر يەرگە توپلىدى.
بىر - بىرلەپ يىغىپ كۆپەيتمەك.
ھېساب ۋە تەبىئەتكە دائىر كىتابلارنى يول راسخوتى ئۈچۈن سېتىپ، پۇل توپلىدىم.
كۆچمە. بارىنى بىر يەرگە يىغماق، مەركەزلەشتۈرمەك (كۈچ، دەرمان، زېھىن قاتارلىقلار ھەققىدە).
نۆۋەتتە ھەر دەرىجىلىك، پارتىيە، ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى تېخىمۇ كۆپ زېھنىي كۈچنى توپلاپ، بۇ كۈرەشكە ياخشى رەھبەرلىك قىلىشى لازىم.