UyghurMain Dictionary
توپلاپ ئۆگىنىش ۋە بۆلۈپ ئۆگىنىش
پسىخولوگىيە
توپلاپ (تۇتاش) ئۆگىنىش ئۇسۇلى ئۆگەنگەندە، ئارىلىقتا دەم ئالماستىن داۋاملىق ئۆگىنىش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت. بۆلۈپ ئۆگىنىش ئۇسۇلى بولسا، ئارىلىقتا مەلۇم ۋاقىت دەم ئېلىپ بىر قانچە قېتىمغا بۆلۈپ ئۆگىنىش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت. ئومۇمەن ئالغاندا، بۆلۈپ ئۆگىنىش ئۇسۇلى توپلاپ ئۆگىنىشتىن ئەۋزەل ھېسابلىنىدۇ، تارقاق ئۆگىنىش جەريانىدا قالدۇرۇلىدىغان ئارىلىق ۋاقىتنىڭ قانچىلىك بولۇشى كونكرېت شارائىتلار (دەرسلىك مەزمۇنى، ئوقوغۇچىنىڭ يېشى، ئەقلىي قابىلىيەت سەۋىيىسى قاتارلىقلار) غا مۇناسىۋەتلىك ھالدا ھەر خىل بولىدۇ. لېكىن، تۈرلۈك ئامىللارنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن بەزىدە توپلاپ (بىر تۇتاش) ئۆگىنىش ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈمى بۆلۈپ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈمىدىن ياخشى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، قانداق ئەھۋال ئاستىدا، قانداق ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىنىڭ شەرتلىرىنى تېپىش تولىمۇ زۆرۈر. ھازىرقى ئۆگىنىش پسىخولوگىيسىدە ئېقىۋاتقان كۆز قاراشلار مۇنداق: 1( ئوقوغۇچىلار شەرتى بويىچە: قابىلىيىتى يۇقىرىلاپ توپلاپ ئۆگەنسە ئۈنۈملۈك بولىدۇ؛ 2) دەرسلىك خاراكتېرى بويىچە: ماھارەت ئۆگىنشتە ۋە مەنىسىز ماتېرىياللارنى ئۆگەنگەندە بۆلۈپ ئۆگىنىش ئۇسۇلى ئۈنۈملۈك بولىدۇ، مەنىلىك ماتېرىياللارنى ئۆگىنىشتە ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۆگىنىشىدە توپلاپ ئۆگىنىش ئۈنۈملۈك بولىدۇ؛ 3( دەرسىلىكنىڭ تەسلىكى ۋە مىقدارى جەھەتتە: تەس ۋە مىقدارى جىق دەرسلىكتە بۆلۈپ ئۆگىنىش ئۇسۇلى ئۈنۈملۈك؛ 4) ئۆگىنىش باسقۇچى جەھەتتە: ماھارەت ئۆگىنىش بىلەن مەنىسىز ماتېرىياللارنى ئۆگىنىشتە دەسلىپىدە بۆلۈپ ئۆگىنىشنىڭ ئۈنۈمى زور، لېكىن، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۆگىنىشتە، باشتا توپلاپ ئۆگىنىش ئۇسۇلى ئۈنۈملۈكرەك.